تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تۇرسۇنتوختىنىڭ «شېرىن كەسپى»

  «ھەرە ساندۇقىنى ئېگىزرەك يەرگە قويۇپ، ھەرە ساندۇقى ئەتراپىدىكى ياۋا ئوت-چۆپلەر ۋە سېسىغان ئەخلەت، گەندە قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، قۇرت، چۈمۈلە قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش كېرەك...» 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، خوتەن ناھىيەسى يەتتىنچى ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنتوختى ئىمىن ھەرە ساندۇقى يېنىدا تۇرغان كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرگە ھەسەل ھەرىسى بېقىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

  تۇرسۇنتوختىنىڭ ئالدىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا قاتار-قاتار ھەرە ساندۇقلىرى تارقاق قويۇلغان بولۇپ، توپ-توپ ھەسەل ھەرىلىرى ھەرە كۆنىكىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، ئۇچۇپ كىرەتتى، بەزىلىرى گۈللەر ئارىسىدىن ئوزۇق ئىزدەيتتى، يەنە بەزىلىرى «ئۆي»ى ئالدىدا ئوينىشاتتى..... ئالدىراش بىر مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىدى. 

  بۇ قاتار-قاتار ھەسەل ھەرە ساندۇقلىرى، تۇرسۇنتوختىنىڭ ھازىرقى «شېرىن كەسپى» ئىدى.

تۇرسۇنتوختى ھەسەل ئالماقتا.

  تۇرسۇنتوختىنى يەتتىنچى ئېرىق كەنتىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. تۇرسۇنتوختى ئائىلىسىدىكى 6 جان، ئىلگىرى چىلان ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. نامرات تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇ كەنتتىكىلەر بىلەن سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلغان بولسىمۇ، ئۆي ئىجارە ھەققى ۋە يول كىراسىنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ قولىغا ھېچقانچە نەرسە ئاشمىدى.

  يەتتىنچى ئېرىق كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەر كەڭ كۆلەمدە چىلان كۆچىتى تىككەن بولغاچقا، ئەتىيازدا چىلان چېچىكىنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. «ئەينى چاغدا مەن شۇنچە كۆپ گۈللەر بار تۇرسا، بۇ گۈللەر بىلەن ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل ساتسا چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.» تۇرسۇنتوختى ئۈمىدنى كۆرگەندەك بولۇپ، خوتەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئويىنى ئېيتىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ھەرە بېقىشقىمۇ تېخنىكا كېرەك، تۇرسۇنتوختى ھېچنەرسە بىلمەيتتى. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا توردىن ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى تېپىپ كۆرۈشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ھەسەل ھەرىسى بېقىش بازىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم بەردى.

  2018-يىلىنىڭ بېشىدا، تۇرسۇنتوختى تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 ساندۇق ھەسەل ھەرىسىنى كەنتكە ئېلىپ كەلدى.

  ھەسەل ناھايىتى شېرىن، ئەمما ھەرە باققۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ھەرە چېقىۋېلىش خەۋپىگە قارىماي، ھەسەل ھەرىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. تۇرسۇنتوختى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەسەل ھەرىسىنى كۆرسەملا چېقىۋېلىشىدىن بەك قورقاتتىم، ھازىر بۇ «شېرىن كەسىپ»نى ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەسەل ھەرىسى بىلەن ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدۇق.

  2018-يىلى، تۇرسۇنتوختىنىڭ «شېرىن كەسپى» ئۇنىڭغا 35 مىڭ يۈەنلىك كىرىم ئېلىپ كەلدى، ھەسەل ھەرىسى بېقىشتىن كەلگەن تۇنجى كىرىم ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

ھەسەل ھەرە باققۇچى خىزمەت ئۈستىدە.

  بۇ يىل، تۇرسۇنتوختى يەنە 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھەرە ساندۇقنى 80 ساندۇققا كۆپەيتتى. 5-ئايغا كەلگەندە، بۇ يىلنىڭ 1-، 2- پەسىللىرىدىكى ھەسەللەرمۇ يېغىۋىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرسۇنتوختىنىڭ ھەسەل سېتىش يوللىرى راۋانلاشتى، 1400 كىلوگرام زىيانسىز ھەسەل يىغىلىشى بىلەن ھەر كىلوگرامى 70 يۈەنلىك باھادا سېتىلىپ بولدى.

  يېرىم يىلغا بارمايلا 90 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى، بۇ تۇرسۇنتوختى ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك بەس-بەستە تۇرسۇنتوختىدىن «تەلىم» ئالدى.

  «بىر ئادەم باي بولسا ھېساب ئەمەس، كۆپچىلىك باي بولسا ھەقىقىي باي بولغان ھېسابلىنىدۇ.» پەقەت كەنت ئاھالىلىرى ئۆگىنىشنى خالىسىلا، تۇرسۇنتوختى قىلچە قىزغانماي،  ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ھەسەل ھەرىسى بېقىش تەجرىبىسىنى قىلچە قالدۇرماي ھەممىنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى جېلىل ئىمىن قاتارلىق ئىككى نامرات ئائىلىمۇ ھەسەل ھەرىسى بېقىش «شېرىن كەسپى»گە قوشۇلدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەسەل ئېلىشقا ياردەملەشمەكتە.

  تۇرسۇنتوختىنىڭ ياردىمىدە جېلىل تۇنجى قېتىم ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى سىناپ بېقىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. «تۇرسۇنتوختى بىلەن بىللە ھەسەل ھەرىسى بېقىپ، سېلىنمىنى ئاز سالدۇق، تەننەرخى، ئەمگەك سىجىللىقى تۆۋەن، ئۈنۈمى تېز بولدى، مۇشۇ بويىچە ماڭساق، ئائىلىمىز بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ» دېدى جېلىل ئۇچۇپ يۈرگەن ھەرە توپىغا قارىغىنىچە خۇشال ھالدا.

  ھەسەل ھەرىسى بېقىش، كۆپ يىللاردىن بۇيان نامرات ئۆتكەن تۇرسۇنتوختىغا تۇرمۇشنىڭ شېرىن تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىتتى. لېكىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ شېرىن تۇيۇلىدىغىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئەزەلدىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ باقمىغىنى بولدى.

  «بۇنىڭدىن كېيىن ھەسەل ھەرىسى بېقىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كوپىراتىپ قۇرۇپ، يەنە بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن.» كەلگۈسى ئۈستىدە توختالغاندا، تۇرسۇنتوختىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.

  ئۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايانغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىدىغانلىقىغا، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ھەسەلدەك شېرىن بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. (خوتەن ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ياڭ لى، خوتەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جاڭ گۇيرۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى