تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ

  6-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر ، ئۈرۈمچىدە شەرق تەرەپتىكى ئاسمان قىزاردى، بۈگۈن ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ.

  مۇخبىرلىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى: بۈگۈن (6-ئاينىڭ 11-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يامغۇر ياغىدۇ، سىرتقا چىقسىڭىز كۈنلۈك ئېلىۋېلىڭ.

      شەرقىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش ۋە سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىڭ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كورلا شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، خوتەن شەھىرىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .

  6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە كۈندۈزى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃21، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا ℃15 بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدۇ. گەرچە ياز كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتىگەندە سىرتقا چىققاندا ھاۋا سەل سوغۇق، ئەڭ ياخشىسى چاپان كىيىۋېلىڭ.

  بايقىدىڭىزمۇ ، مەيلى ئەتىياز ياكى ياز بولسۇن، يامغۇر ياغسىلا تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىيالايسىز، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟

  يامغۇرلۇق كۈنلەردە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، بەدىنىمىزدىكى فېرمېنتنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ، ئادەم ئاسانلا چارچايدۇ، شۇڭا بەدەن ئۇخلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، بىزنىڭ ئۇيقۇمىز ئاساسلىقى بىيولوگىيەلىك سائەتكە باغلىق، بىيولوگىيەلىك سائەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل تەبىئىي نۇرنىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولۇپ، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا، يېتەرلىك يورۇقلۇق كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىدە پەرق كۆرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى