تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قابادا چوغلۇقلار پورەكلەپ ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، قابا ناھىيەسى چوغلۇق گۈلى بايرىمى ئۆتكۈزدى. شۇ جايدىكى جايلىما يېزىسى ئاقتۆبە كەنتى چوغلۇق ئۆستۈرۈش بازىسى، سىغىش جايلىما كەنتى چوغلۇق ئۆستۈرۈش بازىسى، ئاقچى بازىرى ئاقچى كەنتى چوغلۇق ئۆستۈرۈش بازىسى ۋە جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئالتاي ۋىلايىتى قابا تەجرىبە پونكىتى چوغلۇق ئۆستۈرۈش بازىسى بىرلا ۋاقىتتا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

  قىزىل، ھال رەڭ، ئاق چوغلۇق گۈللىرى... ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ياڭ لىلى مۇنداق دېدى: «چوغلۇق گۈللىرىنى بىر مۇنچە سۈرەتكە تارتىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلىدىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنىڭدىن، بۇنچە گۈزەل چوغلۇق گۈللىرى قەيەردىكەن، دەپ سوراشتى.»

  ئىگىلىنىشىچە، چوغلۇق كۆركەم بولۇپلا قالماي، يەنە دورا قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىكەن. بىر مو يەردە چوغلۇق ئۆستۈرۈپ 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسىدە بارغانسېرى كۆپ دېھقان چوغلۇق ئۆستۈرۈشكە باشلىغان.

(سۈرەتنى قابا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى