ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى بولغان خولېستېرىننىڭ ۋە ترى گلىتسېرىدنىڭ گورىزونتاللىقى زىيادە تۆۋەن ئاياللاردا قاناش خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش يۈز بېرىش خەۋپى يۇقىرىقى ماددىلارنىڭ گورىزونتاللىقى بىر قەدەر يۇقىرى ئاياللارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن .
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەتتە كىشىلەر خولېستېرىن گورىزونتاللىقى تۆۋەن ئاياللارنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش يۈز بېرىش خەۋپى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما، مەزكۇر تەتقىقات ئۇنىڭ قاناش خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ تەتقىقات ئاياللارنىڭ ساغلاملىق تەتقىقات سانلىق مەلۇماتى قوللىنىلغان بولۇپ، 28 مىڭ ئايال تەتقىقاتقا كىرگۈزۈلگەن. تەتقىقاتتا زىيارەت قىلىنغۇچىلارنى 19.3 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بولۇپ، تەھلىل نەتىجىسىدە، خولېستېرىن گورىزونتاللىقى بىلەن قاناش خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش يۈز بېرىش خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «U» تىپلىق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى بايقالغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زىيادە تۆۋەن خولېستېرىن گورىزونتاللىقى بىلەن قاناش خاراكتېرلىك مېڭىگە قان چۈشۈش يۈز بېرىش خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مېخانىزم تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن، بۇ قان تومۇر دىۋارىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى