تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا ۋوگزالى ۋوگزال ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى بېكىتىلدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى

بورتالا ۋوگزالى ۋوگزال ئۆيىنىڭ ئۈنۈم سۈرىتى

  مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى چياڭ، نيۇ ۋېنچېن خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گورۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بورتالا ئوبلاستىنىڭ تارماق لىنىيە تۆمۈريولىدىكى بورتالا ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال ئۆيى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېكىتىلگەن، بۇ بورتالا ئوبلاستىدىكى تارماق لىنىيە تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلبە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن.

  بورتالا ئوبلاستىنىڭ تارماق لىنىيە تۆمۈريولىدىكى بورتالا ۋوگزالىنىڭ كۆلىمى 9859 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، كۈتۈش زالىنىڭ كۆلىمى 4750 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، ۋوگزال بورتالا شەھىرى ئۇتبۇلاق بازىرى گىندىن غەربىي كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، بورتالا تارماق لىنىيە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرگە بۇ يىل 1-ئايدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملانغان ھەمدە قۇرۇلۇش ئورنى بېكىتىلگەن. قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بورتالا ئوبلاستىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، توڭ توپا قاتلىمى قېلىن، مەركەزلىك قۇرۇلۇش ۋاقتى قىسقا، بېتون بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىقتەك قىيىنچىلىقلىرىغا قارىتا، تۈرگە مەسئۇل بولغان جۇڭگو جۇڭتيې قۇرۇلۇش گۇرۇھى بورتالا تارماق لىنىيە تۆمۈريولى بورتالا ۋوگزالى ۋوگزال ئۆيى تۈر قۇرۇلۇش بۆلۈمى تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىلىرىنى پائال تەتقىق قىلىپ، ۋاقىت تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە، ۋوگزالنىڭ ۋوگزال ئۆيى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېكىتىلگەن بولۇپ، بورتالا ۋوگزالى ۋوگزال ئۆيى قۇرۇلۇشىمۇ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويغان.

بورتالا ۋوگزالىنىڭ ئۈنۈم سۈرىتى

  جۇڭگو جۇڭتيې قۇرۇلۇش گۇرۇھى بورتالا ئوبلاستى تارماق لىنىيەسى بورتالا ۋوگزالىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورتالا ۋوگزالى ۋوگزال ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋوگزال ئۆيى يۈزىنىڭ تورسىمان جازا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، ۋوگزال ئۆيىنىڭ 2-قېتىملىق قۇرۇلما قوپۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەمدە ۋوگزال لەمپىسىنى سىرلاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 9-ئاينىڭ 30-كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە بورتالا ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال ئۆيى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

بورتالا ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال ئۆيى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئۆگزىسى بېكىتىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى .
مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى