تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش بايرىمىدا نەچچە يۈز ئاپتوموبىل يولغا چىقتى

  6-ئاينىڭ 8-كۈنى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللار (مۇخبىرىمىز يۈ يىچاڭ، ۋاڭ جوۋ فوتوسى)  

  (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى) خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ مايتاغ رايونىغا نۆل كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىدە، مايتاغ رايونىنىڭ «چۆل سەپىرىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى بار» تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن موتوسىكلىت ماھىرلىرى، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرى، ۋېلىسپىت ماھىرلىرى، ئۆي ئاپتوموبىل ئىگىلىرى مايتاغ-كۇچا ساياھىتىنى باشلىدى.

  شۇ كۈندىكى قاتناش باشلاش بايرىمىغا 20 ئۆي ئاپتوموبىل، 100 دالا ئاپتوموبىلى، 100 موتوسىكلىت، 300 ۋېلىسىپىت قاتناشتى. ئاپتوموبىل ماھىرلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا قاراماي، كۈيتۈن، شىخو، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن.

  ئائىلە ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھىرى گۇڭ ئەپەندىم ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ جەنۇبلۇق ئىككى دوستىنى ئېلىپ بىرلىكتە مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا يۈردى. «مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە ناھايىتى گۈزەل، يەر شارائىتى خەتەرلىك، يەنە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۆتىدۇ، دوستۇمنىڭ بۇرۇنلا كېلىپ كۆرۈپ باققۇسى بار ئىدى.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئۈچ قېتىم مېڭىپ باققان بولسىمۇ، يەنىلا زېرىكىش ھېس قىلمايدىكەن، بۇ قېتىممۇ پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ تۈگەتمەكچى ئىكەن. مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ قاتناش شارائىتى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يولدا ئۇ خاتىرجەم يۈرىدىكەن.

  2018-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قاتناش پەسلىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى بېسىپ ئۆتكەن ئاپتوموبىل 495 مىڭغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 4159 ئاپتوموبىل قېتىم قاتنىغان، قاتناش بېسىق مەزگىلىدە يەككە كۈندە قاتنىغان ئاپتوموبىل 10 مىڭدىن ئاشقان، ساياھەتچىلەر سانى 2 مىليون ئادەم قېتىم بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى