تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىڭلىغان خۇش چىراينىڭ سۈرىتى ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش

    5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەرشىلىدەن كەنتىنىڭ بىر قانچە ئاھالىسى كەنتتىكى مەدەنىيەت تېمى ئالدىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش لۇڭيەن، نىڭدې شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان «فۇجيەن - شىنجاڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كەنتى» قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن بازىرى ئەرشىلىدەن كەنتىدە بولۇپ، كەنت ئېغىزىدىكى غايەت زور مەدەنىيەت تېمىغا پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەبەسسۇم بىلەن چۈشكەن سۈرىتى چاپلانغان. پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن تەپسىلىي قارىساق ، مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىدىن تەركىب تاپقان «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تىن ئىبارەت توققۇز چوڭ خەت قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇرىدۇ.

  كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە رەسىم سىزىش ئۇسلۇبى ئاددىي - ساددا بولغان مەدەنىيەت تېمى بار بولۇپ، يېڭى يېزىلارنى يورۇتۇپ، يېڭى دېھقانلارنى يېتەكلەپ، يېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەرشىلىدەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن نىياز مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرشىلىدەن كەنتىنىڭ مەدەنىيەت تېمىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئەركىن نىياز مۇنداق دېدى : كەنتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تېمى 2.8 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كىلاسسىك تېمى، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش تېمى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تېمى، پاكلىق مەدەنىيىتى تەشۋىقات تېمى قاتارلىقلار بار. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت تېمى پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى .

   ئەركىن نىياز: بۇ يىل كەنت يېزا ـ كەنت مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى كېڭەيتتى، مەسىلەن، 42 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشكىللەش، فۇجيەن ـ شىنجاڭ كىچىك بازىرى قۇرۇش، ساياھەت كىچىك ئات ھارۋىسى كىرگۈزۈش قاتارلىقلار، بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى