تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مائارىپقا ياردەم بېرىش جەريانىدا مەن بۇ بالىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم

   بۇلتۇر 9 ـ ئاي، باش كۈزدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، مەن قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى گۇاڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كېلىپ، 39 نەپەر ساددا، ئاق كۆڭۈل بالىغا ئوقۇتقۇچى بولدۇم... ئىسمىم ليۇ جيا، خېيلۇڭجياڭلىق، چۆچەك شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن، ھازىر بىر شەرەپلىك مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىسى.
   بالىلار بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقان مەنزىرە ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، نۇرغۇن بالىلارنىڭ قوش تىل ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، ئاۋۋالقى بىر ئايدا مەن بالىلار بىلەن ئاساسەن بەدەن تىلىدا پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇ چاغدا مېنىڭ ئىچىمدىكى نۇرغۇن گەپلىرىمنى پەقەت «غەم» خېتىگىلا يىغىنچاقلاشقا بولاتتى.
    «غەم» خېتىنىڭ مەنبەسى شۇ يەردىكى، بالىلار پۇتۇڭخۇادا سۆزلەشنى ئانچە بىلمەيتتى. مەن ئۆزۈمنى بالا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، قانداق قىلغاندا سۆزلەش ئىقتىدارىنى تېز، جانلىق ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلدىم. ھەر كۈنى بالىلارنى تەربىيەلەشنى تۇرمۇشتىكى بىر ئىستاكان، قاچا، ئۈچ ۋاق تاماقتىن باشلاپ سۆزلەپ، كۈندە 3~5كىچە سۆزلۈك ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر ئاساسىي تېما بېكىتىپ، بالىلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ «پاراڭلىشىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. كىم ياخشى ئىگىلىسە «كىچىك قىزىل گۈل» بىلەن مۇكاپاتلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشتى.
   بىر مەزگىللىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتا تىلى راۋان بولۇپلا قالماي، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىمۇ ئەركىن ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدە ئابدۇسالام ئابلىمىتنىڭ ئاپىسى ئابدۇسالامنىڭ ئۆيدە كارتون فىلىم كۆرگەندە مەزمۇنىنى ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
   مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشۇمدا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى مېنىڭمۇ «ماي قاچىلاش پونكىتىم»غا ئايلاندى، ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن بىللە بولغاندا ھاياتىي كۈچۈم ئۇرغۇپ تاشىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈزەل كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، «مۇئەللىم، بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز!» «مۇئەللىم، خەيرلىك سەھەر!» دېگەندەك، مەن مۇشۇنداق تولۇپ تاشقان ئاكتىپ ئېنېرگىيە بىلەن بىر كۈنلۈك كۆڭۈللۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن.
  ئېسىمدە قېلىشىچە، «قۇملۇقتا نېمىلەر بار؟» دېگەن دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئىختىيارىي سوئال سورىدىم، بالىلارنىڭ جاۋابى ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى. مەن ئۇلارنى ماختاپ: «سىلەر نېمىدېگەن قالتىس، ھەممىڭلار ئەقىللىق قوزىچاقلار ئىكەنسىلەر» دېدىم. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئابدۇئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ: «مۇئەللىم ئەقىللىق بولغاچقا بىزمۇ ئەقىللىق» دېدى .
  شۇ دەقىقىدە مەن تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا كەلدىم، «تەربىيەلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، تەربىيەلەشنى بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى بار» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە يەتكەندەك بولدۇم؛ شۇ دەقىقىدە مەن تولىمۇ تەسىرلەندىم، بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى «ھەممىگە قادىر» ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغانىدىم؛ شۇ دەقىقىدە مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، يېڭى نىشانلارنى كۆزلىدىم، سەۋىيەرىمنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر بىلەن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى يەردە قويمايمەن.
   سەفىيە يۈسۈپنىڭ دادىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، دېھقانچىلىق ئىشلىرى كۆپ بولغاچ، ئانىسى كۆپىنچە چاغلاردا سەفىيەگە قارىيالمايدۇ، بەزىدە ئۇ يۈز-كۆزلىرى يۇيۇلمىغان، چاچلىرى قالايمىقان ھالدا يەسلىگە كېلىدۇ. مەن ئۇنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ، چېچىنى تاراپ، تىرنىقىنى ئېلىپ قويىمەن.
  سەفىيە مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «مۇئەللىم، سىزمۇ مېنىڭ ئاناممۇ؟» دەپ سورايدۇ. شۇنداق، بالىلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ يەسلىدىكى تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغان «مۇئەللىم ئانىسى.»
   ئانىلار بايرىمى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى جۈمە كۈنى، مەن بالىلارغا «ئۆز قولۇڭلار بىلەن سوۋغات ياساپ ئاناڭلارغا بېرىڭلار» دېدىم، ئابدۇشۈكۈر مەمەتئىمىن ئۆزى سىزغان بىر پارچە رەسىمنى ئېلىپ كېلىپ: « مۇئەللىم، مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئانامنى، يەنە سىزنى قوغدايمەن، بولامدۇ؟» دېدى.
  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 6-ئايمۇ كېلىپ، مېنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشۇم ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، لېكىن، بالىلار بىلەن بولغان مۇھەببىتىمىز داۋاملىشىدۇ. بىر يىل بەك قىسقا، ئەمما، بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز مەڭگۈلۈك. يەسلى مائارىپى كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىگە ئوخشايدۇ. 39 بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلىدىم. بۇ يەردە مەن بالىلىرىمغا پەقەت: «بىر-بىرىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم پەيتلەردە ئۇچراشقانلىقىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، سىلەرنى سۆيىمەن، بالىلىرىم!» دېمەكچىمەن.
ليۇ جيا بالىلارغا دەرس سۆزلىمەكتە.
 ليۇ جيا بالىلار بىلەن بىللە.
ليۇ جيا ئائىلە زىيارىتىدە.

(شىنجاڭ « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى