تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چۈ يۈەنيۈەن فوتوسى، خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىللىق باركۆل يايلىقى سۇلۇق يېرى ئەتىرگۈل بايرىمى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ۋاقتى كەلگەندە، ساياھەتچىلەر تاغ-دالىلارنى قاپلىغان ياۋا ئەتىرگۈللەرنى تاماشا قىلالايدىكەن.
6-ئايدىكى باركۆل گۈل دۇنياسى، بۇ ئايدا ياۋا ئەتىرگۈلدىن باشقا يەنە مالەن گۈلى، قارىغان گۈلى قاتارلىقلار ئەتراپنى بىر ئالىدۇ.
باركۆل ناھىيەسى تۇداۋخوزا مەنزىرە رايونىدا قونالغۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەتىرگۈل بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر يۇلتۇزلۇق ئاسمان چېدىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. چىملىقتا يۇلتۇزلارنى ساناپ، گۈللەرنىڭ پۇرىقىنى پۇراش، بۇ نېمىدىگەن كۆڭۈللۈك ساياھەت! بۇنىڭدىن باشقا، باركۆل يايلىقىدا يەنە گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ.