تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[سۈزۈك سۈرەتلەر] مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ رۇيچىڭ فوتوسى، خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، 100 موتوسىكلىت، 100 دالا ئاپتوموبىلى، 200 ئۆي ئاپتوموبىلى، 300 ۋېلىسسىپىت رەتلىك تىزىلىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ نۆل كىلومېتىرلىق جايىدىن تەرتىپلىك يولغا چىقىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن ھالقىغان بۇ «توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان تاشيول»غا «قەدەم» باستى.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان «چۆللۈك ساياھىتى. مايتاغ-كۇچا تاشيولى» 2019-يىللىق مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مۇشۇ يەردە باشلاندى. بۇ يىللىق مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 10-ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، قاتناش باشلاش بايرىمى باشلىنىش مۇراسىمىدىن باشقا، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە مەملىكەتلىك ھۇجۇم -مۇداپىئە ئوقيا مۇسابىقىسى شىنجاڭ تاللاش مۇسابىقىسى، شىنجاڭ ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى، «لاي يانار تاغ» مۇزىكا بايرىمى، مايتاغ چوڭ جىلغىسى يۇقىرى بوشلۇقىدا پولات ئارقاندا مېڭىش نومۇرى، «گۇاڭيىڭ لوڭقىسى» «جەزبىدار مايتاغ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت ۋە ئۆز تاراتقۇلار مىكرو سىن مۇسابىقىسى قاتارلىق 11 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى