6-ئاينىڭ 5-كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار بىرلىكتە «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: شۇ كۈنى، جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى گەنسۇ ئۆلكىسى جېنيۈەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويدى. «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تۈرى «ئانام ياسىغان» ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنىڭ ماركا تەسىر كۈچى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، گەنسۇ جېنيۈەن ناھىيەسىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كەسپى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، جېنيۈەن ناھىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاياللارنىڭ ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان. (مۇخبىر جاڭ يۈۋېي فوتوسى)
6-ئاينىڭ 5-كۈنى، جېنيۈەن ناھىيەسىدىن كەلگەن قول ھۈنەرۋەنلەر پائالىيەتتە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەريانىنى نايامان قىلماقتا.