تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى سەۋرچانلىق بىلەن داۋالاش كېرەك

  يىراقنى كۆرەلمەسلىك چېيى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش ئەسۋابى، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەشىقى ئەسۋابى ... ھازىر ، ئاتالمىش بالىلارنى «ئاسانلا كۆزەينەكتىن ئايرىش» مەھسۇلاتلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسىنىڭ ئېشىشىنى «جىددىي تورمۇزلاش» ئۈمىدىنى دەل جايىدا نىشانلىدى. كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشتا «ئالدىرىغان يولدا قالىدۇ» ، ئاتا-ئانىلار يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، خاس جەريان ئىكەنلىكىنى، داۋالاش مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبلىك بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئىككىلەمچى زەخمە ئېلىپ كېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسى تېببىي كۆرۈش نۇرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ خۇڭشىن بىر خىل «ئالدامچىلىق»نى ئاشكارىلىدى: بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەر بىمارلارنى ئالداش ئۈچۈن، داۋالاشتىن بۇرۇن بىر نۇسخا كۆرۈش قۇۋۋىتى جەدۋىلى ئىشلىتىپ، داۋالاشتىن كېيىن يەنە بىر نۇسخىدىكى خەت شەكلى سەل چوڭراق كۆرۈش قۇۋۋىتى جەدۋىلىنى ئىشلىتىدىكەن، بۇنىڭدا بىمار كۆرۈش قۇۋۋىتى راستىنلا يۇقىرىلىغاندەك ھېس قىلىدىكەن.

  سۇڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇس سانى داۋاملىق ئاشىدۇ، 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن تەدرىجىي تۇراقلىشىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ گىرادۇسنىڭ ئېشىشىنى «جىددىي تورمۇزلاش» ئۈمىدى قىلچە ئەمەلىي ئەمەس.

  مەسىلەن: مۈڭگۈز پەردىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئەينىكى ھەممە ئېتىراپ قىلغان كونترول قىلىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئەمما جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمى شۆبە جەمئىيىتى كۆرۈش نۇرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ جىكۇەن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: مۈڭگۈز پەردىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئەينىكى تاقاش پەقەت بىر باشلىنىش، سىجىل، قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم، « مەيلى قانداق داۋالاش ئۇسۇلى بولسۇن، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا جاپادىن مەڭگۈ خالاس بولغىلى بولمايدۇ، ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتى، كۆز ساغلاملىق ھالىتىنى ۋاقتىدا باھالاپ تۇرۇش ئۆمۈرلۈك ئەسقاتىدىغان ئۇسۇل.»

  جۇڭنەن داشۆسى ئەيئېريەن پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە، پەن تەتقىقات خادىملىرى تەتقىق قىلىپ پۈتۈنلەي خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات « بۇلۇت قىسقۇچ » ئارقىلىق بىمارنىڭ كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزەش ئىلمىي لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئەيئېريەن كۆرۈش نۇرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لەن ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئىلمىي داۋالاش ئانچە «تېز» بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۈندىلىك كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ خاس، توغرا بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لايىھەسى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : سەھىيە ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئاساسىي ساغلاملىق ساۋاتلىرىغا بولغان تونۇشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنى مۇنتىزىم داۋالاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئاپپاراتلارغا بېرىپ بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى تۈزىتىشكە يېتەكلەپ، « ئالدىراقسانلىق قىلىپ قالايمىقان داۋالاش » ھادىسىسىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن سىرت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودىگەرلەرنىڭ تەشۋىقات بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىمارلارنى ئازدۇرۇشىدەك قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى جازالىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى