تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەدەنىيلىك نۇرى گۈللىنىش يولىنى يورۇتتى

ـــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، ۋۇ جىڭ، خۇ خاۋ

  تارىخنىڭ ئەزىم دەرياسى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى خاسلىققا ئىگە؛ 5000 يىلدىن ئارتۇق ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن قەدىمىي جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

  مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن تەبىئىي مىراسلارنى قوغداشقىچە؛ ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشتىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقىچە.... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، مەدەنىيەت يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش، مىللەت روھىنى ساقلاشتەك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  زامان - ماكان ھالقىپ جۇلالىنىپ تۇرغان مەدەنىيلىك نۇرى مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىدىكى تېخىمۇ سالماق، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش يولىنى يورۇتتى.

  ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش

  ــــ دۆلەتكە، مىللەتكە، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

  دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىشتا، شەندۇڭ زاۋجۇاڭدىكى تەيئېرجۇاڭ ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ساياھەتچىلەر چوڭ قانال بويىدا سەيلە قىلدى.

  سەھەردە شەپەق نۇرى دەريا يۈزىگە چۈشكەن بولۇپ، كېمىلەر موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ كەچ كىرگەندە پالاق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، چىراغلارنىڭ شولىسى چۈشۈپ، دەريا بويى ئىللىق ماكانغا ئايلانغانىدى... گۈزەل مەنزىرىدىن مەستخۇش بولغان كىشىلەر جەنۇب، شىمالدىكى بەش چوڭ سۇ سىستېمىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، سەككىز ئۆلكە، شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بۇ سۈنئىي قانالنىڭ بىرمەھەل يەرلەرنى تىندۇرۇپ ئىگىلىۋېلىش، ئېكولوگىيەسى بۇلغىنىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاسانلىقچە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

  بىپايان زېمىننى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقان، مىليونلىغان ئاۋامنى بېقىۋاتقان، 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە چوڭ قانال قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قەدىر - قىممىتى، تېخىمۇ شان - شەرىپى بىلەن «مەۋجۇت» بولۇپ تۇرالايدۇ؟

  2017- يىلى 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى: چوڭ قانال ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراس، كۆچمە مەدەنىيەت، ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قوغداش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  مىراسلار ئارخىپى تۇرغۇزۇلدى، كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى ئورنىتىلدى، دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسى بولغان چوڭ قانالنى قوغداش توغرىسىدا بىر قاتار يەرلىك نىزاملار چىقىرىلدى، چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات دوكلاتى تاماملاندى، «چوڭ قانال مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش يىرىك پىلان تېزىسى» بېسىپ تارقىتىلدى...

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكچىلىكىدە، مەركەز ۋە يەرلىك ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، «مەدەنىيەت قاشتېشى بەلبېغى» قىرغاقتىكى سانسىز ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىدىيە جەھەتتە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەندى، مېھىر - مۇھەببەت چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.

  2002- يىلى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىقىنى ئۆتىگەن يولداش شى جىنپىڭ «فۇجوۋدىكى قەدىمىي ئۆيلەر» دېگەن كىتابقا كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەندە مۇنداق كۆرسەتكەن: «قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش تارىخنى ساقلىغانلىق، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلىغانلىق، تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەرلەرنىڭ شەكىلسىز مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى ساقلىغانلىق».

  ئەسلىنى ئۇنتۇمىغاندا كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شەھەر - بازارلىشىش سۈرئىتى تېزلىتىلىۋاتقان تارىخىي مۇساپە ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پەقەت تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، بىز بۈگۈنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز.

  باش ياز مەۋسۇمىدە، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭچېڭ ناھىيەسى لياڭماتەي يېزىسىنىڭ نەنياڭ كەنتىدىكى نەنياڭ خارابىلىكىنى قېزىش نەق مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە كۆرۈلدى. بۇ خارابىلىك شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئەڭ مول بولغان قەدىمىي خارابىلىك تۈرىدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىلىدىغان ئورۇن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش» تەلىپى بويىچە، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى شيۇڭئەن يېڭى رايونى پۈتۈن رايون دائىرىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈشنى ۋە باشلىنىش رايونىدىكى تەخمىنەن 100 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە 50 ئورۇندىكى قەدىمىي خارابىلىك، قەدىمىي قەبرىلەرنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، سىناق تەرىقىسىدە قېزىشنى تاماملىدى.

  «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» ــــ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەتىۋارلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشمۇ سىياسىي نەتىجە»دىن ئىبارەت ئىلمىي ئىدىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىدى.

  خېبېي جېڭدىڭ قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشقا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «توغرا بولغان قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يەنى ئۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋۇخەندىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كونا ئورنى خاتىرە سارىيىنى قۇرۇشنى پىلانلاشقا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «كونا پېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى تەكىتلىدى.

  لياۋنىڭ فۇشىندىكى «تۈمەن جەسەت ئازگىلى» خارابىلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، مىڭ دەۋرىدىكى شىسەنلىڭنىڭ سىلىڭدىكى شىۋۇگۇڭ شامدىنى ئوغرىلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ ھەجىملىك مۇھىم يوليورۇق بەردى، تەستىق سالدى...

  «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا شانلىق مەدەنىيلىك سىڭگەن بولۇپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، مىللىي روھنى ساقلايدۇ، ئۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مول ئوزۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ».

  تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، قىممەتلىك مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرگەندە، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرنىڭ روھى، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شىئەن مۇزېيىغا كەلگەندە، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن بىرىنچى مەسىلە شياۋيەنتا مۇنارىنى قوغداش بولۇپ، قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى قوغداشتا «كونا پېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى مەخسۇس تاپىلىدى.

  دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دالى شەھىرى ۋەنچياۋ بازىرىنىڭ گۇشېڭ كەنتىگە كەلگەندە، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا جەزمەن «يېزا پۇرىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى ساقلاپ قېلىش، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلاش» كېرەك.

  گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ لىۋەن رايونى شىگۇەن تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى رايونىدىكى يۇڭچىڭفاڭ رەستىسىدە، باش شۇجى يۆجۈ تىياتىرى سەنئەت مۇزېيىدا ھەۋەسكارلارنى يۆجۈ تىياتىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ...

  تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەستە چىڭ ساقلاش، يىللارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرۈش، مەدەنىيەت يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى: «بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئېھتىياجلىق، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكىمۇ ئېھتىياجلىق».

  ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى يېتەكلەپ شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى ۋە جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ھۆرمەت بىلدۈردى، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئەسلىدى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

  ئۇ شىبەيپو، يەنئەن، جىڭگاڭشەن قاتارلىق ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارنى كېزىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان قىزىل ئىزلارنى قالدۇردى.

  تارىخ ئارقىلىق ئېتىقادنى ھېس قىلغىلى، روھنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداشنىڭ پەلەككە تاقاشقان دەرىخى يېڭى شاخلارنى چىقاردى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى خۇش پۇراق چاچتى.

  جياڭسۇ شۈجوۋ، پەنئەنخۇ كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا يېشى 80دىن ئاشقان ۋاڭ شيۇيىڭ خۇش پۇراق خالتا خىزمەتخانىسىدا يىپ - يىڭنە ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  2017- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەنئەنخۇ كۆلى كوچىسى ماجۇاڭ كەنتىگە كېلىپ، كەنتتىكى خۇش پۇراق خالتا ياساش ئۆيىگە كىردى. باش شۇجى ۋاڭ شيۇيىڭ تىككەن جۇڭيى دورىلىق خۇش پۇراق خالتىنى ئېلىپ، ئۆزى پۇل چىقىرىپ بىرنى سېتىۋېلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەنمۇ قوللاپ قوياي» دېدى.

  مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان تەرەققىياتىنىڭ يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاۋامنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، ئارزۇسى.

  ھازىر ماجۇاڭ كەنتىنىڭ خۇش پۇراق خالتىسى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئالقىشقا ئېرىشىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ بېيىش «ئەڭگۈشتەرى»گە ئايلاندى. ۋاڭ شيۇيىڭ مۇنداق دېدى: «گەرچە ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، يەنە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، جەمئىيەتكە ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشىمەن».

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتى خەلقنىڭ دەۋر ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۆزىدىكى غايەت زور ئېنېرگىيەنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى.

  كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش

  ـــــ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى

  «دۇنيا مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، خەلقئارالىق ئىدىيەدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.» 2017- يىلى 7- ئايدا، گۇلاڭيۈ «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى بۇ كىچىككىنە ئارالغا ئۇنتۇلغۇسىز دوستلۇق يوشۇرۇنغان.

  بۈگۈنكى كۈندە، گۇلاڭيۈدىكى «بەلگە» ئىمارەت دەپ قارالغان باگۇا راۋىقى ئىلگىرى ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغان، كونىراپ كەتكەنىدى. رېمونت قىلىش خىزمىتى خىراجىتىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا شيامېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ ئالاقىدار تارماقلارغا 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىش توغرىسىدا دەرھال يوليورۇق بېرىپ، كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، لەرزان دېڭىز شامىلىغا ئەگىشىپ ئارالنى سەيلە قىلغاندا، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى تارىخىي ئىمارەتلەر ساياھەتچىلەرنى خۇددى يۆگىمە رەسىم ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

  قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغداش − گۇلاڭيۈدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل يېڭى دەۋردىكى مىراسلارنى قوغداش خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  2018- يىلى 7- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «قوغداش بىلەن پايدىلىنىش ئىزچىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە بىرىنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدىغان ئىككى تەرەپ بولۇپ كەلدى. بۇ ھۆججەتنىڭ چىقىرىلىشى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشتا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ يۈجۇ.

  كۆكشىل جايلاشقان ئۈچ دەريا مەنبەسى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كۆللەر ئەڭ زىچ توپلاشقان جاي، بۇ جاي چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋە لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئوبرازلىق ھالدا «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

  2016- يىلى 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىگە كېلىپ، سىن ئارقىلىق ئۈچ دەريا مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىقىنى باشقۇرۇش - قوغداش خىزمىتىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.

  ئىككى يىلدىن كېيىن، ئېكولوگىيەنى باشقۇرىدىغان، قوغدايدىغان 40 چارۋىچىدىن تەشكىللەنگەن تىبەت بۆكىنىنىڭ كۆچۈشىنى قوغداش ئەترىتى ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى بەرگەن بايراقنى تاپشۇرۇۋالدى. كۆكشىلدىكى ئەتىۋارلىق جانلىقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تېخىمۇ بىخەتەر ماكانغا ئىگە بولدى.

  نۆۋەتتە، ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىدا ئېكولوگىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى «بىر ئائىلىگە بىر ئىش ئورنى بولۇش» ئەندىزىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلدى، شۇ جايدىكى 17 مىڭ چارۋىچى ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش - قوغداش قوشۇنىغا قوشۇلدى، تەبىئىي مىراس جايدىكى كىشىلەر شۇنىڭدىن باشلاپ «ئېكولوگىيە قاچىسى»نى كۆتۈرۈپ، «يېشىل تاماق» يېدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئايدىڭ، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېنىق بولغان تۈزۈم قۇرۇلۇشى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.

  ــــ بۇ، مول «ئاساس»نى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇش. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تۇنجى قېتىم ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، 108 مىليون 150 مىڭ پارچە/ يۈرۈش دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ «ئاساسى» ئېنىقلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇل سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈكلۈكى، توغرىلىقى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

  ـــــبۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە قارىتىلغان قاتتىق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش. 2017- يىلىدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى داۋاملىق بىرلىشىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇھىم جەڭ نەتىجىسىگە ئېرىشتى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتى دېلوسىدىن 1572نى پاش قىلىپ، 2590 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، 10 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قايتۇرۇۋالدى.

  ـــــ بۇ، مەدەنىيلىك يىلتىزىغا بولغان ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەش قۇرۇلۇشى ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىكى ھەمدە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ «كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان» ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تارىخ كىتابلىرىدىكى سارغىيىپ كەتكەن ئەسلىمىلا بولۇپ قالمىدى.

  ـــــ بۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «ئۆيگە قايتىش»ىنى قارشى ئېلىشتىكى تەسىرلىك ھېكايە. قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى، دىپلوماتىيە جەھەتتىن ياراشتۇرۇش، ئەدلىيە دەۋاسى، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، جۇڭگو ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، دانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 5000دىن ئارتۇق ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇپ كەلدى ھەم تارىختا ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىي تەۋە دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىشتەك دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ھەل قىلدى.

  ـــــ بۇ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ گۈللەندۈرۈش. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى توپىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى»نى بىرلىشىپ يولغا قويدى، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قاتناشقان شۆيۈەن، مەكتەپ 118گە يەتتى، تەربىيەلەنگەن كۇرسانت 27 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتناشقان كىشىلەر توپى 95 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  بىر بىنانى قوغداشتىن بىر ئارالنى قەدىرلەشكىچە، بىر شەھەر قۇرۇشتىن بىر دۆلەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە، بىر تۈرلۈك ماھارەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن بىر خىل ساپانى ئومۇملاشتۇرۇشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغداشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، قىممەتلىك مىراسلارغا ئەھمىيەت بېرىشى ئىزچىل ئۆزگەرمىدى.

  چوڭ قانالدىن گۇلاڭيۈگىچە، كۆكشىلدىن فەنجىڭشەن تېغىغىچە... جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسى سىڭگەن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار گۆھىرى بارغانسېرى كۆزنى قاماشتۇرماقتا. بۈگۈنگە قەدەر، جۇڭگو 53 تۈرلۈك دۇنيا مىراسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى؛ 40 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى (كاتالوگى)گە كىرگۈزۈلۈپ، دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

  ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن پۇختا قىلغاندىلا نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ، كىچىك ئېقىنلاردىن دەريا - دېڭىزلار ھاسىل بولىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى −

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ ھۆججىتى شەكلىدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا ئىزاھلىدى؛ «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ «سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش ئومۇمىي يىرىك پىلانى»دا سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش، رېمونت قىلىشتا ئەسلىي قىياپىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى...

  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى كۈنسېرى بېيىتىلىپ، ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم تاشلاندى.

  ئالتۇن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى، يارقىن نۇر چېچىش

  ــــ دۇنياغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسى كۆزلەندى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىدە ئۈزلۈكسىز ئاشتى

  باش يازدا، بارلىق مەۋجۇداتلار گۈزەللىكىنى تەڭ نامايان قىلىدۇ. جۇڭگو بېيجىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى، دوستلارنى كۈتۈۋالدى.

  «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆك گۈللۈك لوڭقا ئىنتايىن ئاز ساقلىنىپ قالغان، بۇ ساقلانغان بۇيۇمنى ساپال بۇيۇملار ئىچىدىكى مۈشۈكئېيىق دېيىشكە بولىدۇ.» «گۈزەل ئاسىيا − ئاسىيا مەدەنىيلىك كۆرگەزمىسى»دىكى نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جايىدا قوللانغان قىزىقارلىق مىسالى يىراقتىن كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان مەدەنىيەت گۆھىرى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى.

  مەيلى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى بولسۇن ياكى زىيارەت دىپلوماتىيەسى بولسۇن، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا مەدەنىيەت گۆھىرى ئارقىسىدىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى جانلىق بايان قىلدى.

  ئۇ 600 يىلغا يېقىن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن زىجىنچېڭدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنى كۈتۈۋېلىشنى تاللىدى، قەدىمىي شەھەر شىئەندە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن جۇڭگو - ھىندىستاننىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا نەزەر سالدى؛

  ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مىڭ يىللىق «ئالتۇن ھەللىك مىس پىلە قۇرتى»نى دەلىل قىلىپ، ئەجدادلارنىڭ 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى قەدىمىي يىپەك يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو - چەت ئەل دوستانە ئالاقىسىنىڭ يېڭى كۆزنىكىنى ئاچقانلىقىدەك ئۇلۇغ ئىشنى بايان قىلدى؛

  ...

  بەش قولدەك تونۇش، قاتتىق باش قاتۇرۇش. ئالتۇن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى، دۇنيادا چاقناش.

  2018- يىلىنىڭ ئاخىرى، كامبودژا شيەنلى. جۇڭگونىڭ ئۈچ نەپەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مۇتەخەسسىسى كامبودژا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ۋەزىرى پېڭساگېنونىڭ قولىدىن كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ چەۋەندازلىق ئوردېنىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  جوۋسا بۇتخانىسىدىن چاجياۋ ئىبادەتخانىسىغىچە، يەنە ۋۇگې قەدىمىي يادىكارلىقلىرىدىكى ئەڭ يادرولۇق خان سارىيى خارابىلىكىگىچە، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەسپىيلىكى ۋە كەسىپچانلىقى كىشىلەرنى، دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى.

  قىزىل دېڭىز ساھىلى، جۇڭگو ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، سەيلىن پورتىنىڭ تارىخىي چۈمبىلى تەدرىجىي ئېچىلىپ، كۆمۈلۈپ قالغان بىر بۆلەك يىپەك يولى خاتىرىسىنى ئويغاتتى.

  ئامېرىكا نيۇيورك، «چىن - خەن مەدەنىيلىكى» چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى قىزغىن دولقۇن قوزغىدى، پۈتۈن يەر شارىدىكى سەنئەت ھەۋەسكارلىرى بىر مەيدان جۇڭگونىڭ قەدىمىي مەدەنىيلىكىنىڭ كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىدىن ھەمبەھرىلەندى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەتتە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشماقتا.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئاپپاراتلىرى كامبودژا قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ئالتە دۆلەتتە 11 تۈرلۈك تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى؛ 30غا يېقىن جۇڭگو ئارخېئولوگىيە كەسپىي ئاپپاراتى سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق 22 دۆلەتكە بېرىپ، 32 تۈرلۈك بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى يولغا قويدى؛ جۇڭگو ئامېرىكا قاتارلىق 22 دۆلەت بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇنسىز چېگرادىن ئېلىپ كىرىش، ئېلىپ چىقىشنى توسۇش بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالىدى، فىرانسىيە قاتارلىق 20دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن 30غا يېقىن ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇزېيلار چېگرادىن ئېلىپ كىرىش، ئېلىپ چىقىش كۆرگەزمىسىدىن 500گە يېقىننى ئۆتكۈزدى، كۆپلىگەن چېگرادىن ئېلىپ چىقىش كۆرگەزمىسى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى...

  دۇنيا تەبىئىي مىراسلار جايىنىڭ يېقىملىق، گۈزەل مەنزىرىسىدىن كىشىلەر قىيالمىدى، ئەسلىدىكىدىنمۇ نەپىس بېزەلگەن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالتۇن چاچلىق، كۆك كۆزلۈك تاماشىبىنلارنى قايتا - قايتا ھەيران قالدۇردى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنغان قەدىمكى تېخنىكا، ھۈنەر تېخىمۇ كەڭ يەر شارىۋى بازارنى جەلپ قىلدى، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئېتىراپ قىلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى ۋە پەخىرلىنىشى دۆلەتكە بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر، قىزغىن مۇھەببەتكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچكە ئايلانماقتا.

  «ھەر بىر خىل مەدەنىيلىكنىڭ ھەممىسى بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا موھتاج، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ موھتاج».

  2018- يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، «ئەگەر دۆلەت گۆھىرى سۆزلىيەلىسە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىدى. بۇنىڭغا يانداشقان «سىزگە دۆلەت گۆھىرىدىن قالدۇرۇلغان سۆز كەلدى، دىققەت بىلەن تاپشۇرۇۋېلىڭ» دېگەن مۇقەددىمىگە ئەگىشىپ، «ئېسىل، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يېقىملىق، سۆيۈملۈك نەرسىگە ئايلاندى.

  جۇڭگو ئورنىدىن تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغاندا، مىراسلارنى قوغداش ئىشلىرى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

  تاماشىبىنلار سانى «شىددەتلىك» ئېشىش، مۇزېيغا «جەزمەن بېرىش» كۈنسېرى ئاۋامنىڭ ئىستراھەت كۆڭۈل ئېچىشىدىكى مۇھىم شەكىلگە ئايلاندى.

  گۇگۇڭدىكى مەرۋايىت تىڭشىغۇچ، دۆلەت مۇزېيىدىكى ساپاقلىق كەمپۈت سوۋغات قۇتىسى، دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى «يۇڭلې قامۇسى»دىكى سالام خەت... مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش تەدرىجىي ياخشى ھالەتكە كىردى.

  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلىملىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنى مۇنبەرگە چىقىرىش، ھەممە كىشى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.

  ...

  «مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنى جانلاندۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ياراتقان مول، رەڭدار مەدەنىيلىك بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنى توغرا مەنىۋى يېتەكچى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەتكۈزگىلى بولىدۇ».

  5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 170 يىلدىن كۆپرەك كۈرەش تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلدىن كۆپرەك كۈرەش تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىنغان قىممەتلىك مىراسلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسى، ئىپتىخارلىقىنى ئويغىتىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىش مۇساپىسىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەددىنى رۇسلاپ مەردانە قەدەم تاشلاتقۇزىدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.