تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

جۇڭتەي گۇرۇھى يېشىل كەسىپ تەرەققىياتىنى تولۇق جانلاندۇردى

قومۇش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش

جۇڭتەي گۇرۇھى يېشىل كەسىپ تەرەققىياتىنى تولۇق جانلاندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، لۇ فېڭباۋ، شيې لۇڭ، ۋاڭ چىمىڭ

  5- ئايدىكى باغراش كۆلىدە ئاپپاق دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ، قويۇق قومۇشلار يەلپۈنۈپ، سۇ قۇشلىرى پەرۋاز قىلىپ، جۇشقۇن مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

  قومۇش تېرىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئورۇش - يىغىش، ساقلاش - توشۇش، بوتقا ياساش، قەغەز ياساشتىن بېلىجان يېتىشتۈرۈش، كۆلگە قويۇپ بېرىش، بېلىق تۇتۇش، پىششىقلاش ھەمدە يۇندىنى تىزگىنلەشكىچە... شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگودىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىنى قەغەز قىلىپ، ئۇنىڭغا يېشىل كەسىپ تەرەققىيات چوڭ ئىشىنى رەڭدار قىلىپ پۈتۈپ چىقتى.

  ئىشلەپچىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، باغراش كۆلىدىكى قومۇشلار ھاياتىي كۈچكە تولدى

  شىنجاڭ جۇڭتەي شىڭۋېي بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، ئەسلىي رەڭلىك قومۇش بوتقا تاختايلار ئۈزۈلمەي ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى.

  «2018- يىلى 3- ئايدا، تۆت يىلدىن ئۇزاق ۋاقىت توختىتىپ قويۇلغان ئۈسكۈنە قوزغىتىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇ يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدا، ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئەسلىي رەڭلىك لاياقەتلىك قومۇش بوتقا تاختاي ئىشلەپچىقىرىلدى، ھازىر كۈنىگە 300 توننا بوتقا تاختاي ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى، مەھسۇلاتلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەم خېبېي، سىچۇەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى، تەمىنات ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى» دېدى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭتەي شىڭۋېينىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى سۇڭ جىمىن تونۇشتۇرۇپ.

  جۇڭتەي شىڭۋېي جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدىكى بالا شىركەت بولۇپ، 2017- يىلى جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئەسلىدىكى شىنجاڭ باغراش قومۇشچىلىقى پاي چەكلىك شىركىتىنى قايتىدىن تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان، ئاساسلىق تىجارىتى قومۇش تېرىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئورۇش - يىغىش، ساقلاش - توشۇش، بوتقا ياساش، قەغەز ياساش، سېتىش ھەم تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  باغراش كۆلى قومۇش كەسپى تىلغا ئېلىنسا، شۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشى ھاياجانلىنىدۇ. باغراش كۆلى قومۇش كەسپى ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ قەغەز ياساش ساھەسىدىكى سەركە كارخانا، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا ئىدى، 2014- يىلى 8- ئايدا، ئىلگىرى روناق تاپقان بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى، ئارقىدىنلا ۋەيران بولدى.

  قومۇش تەبىئەت دۇنياسىدىكى يۇندى تىزگىنلەش «ماھىرى»، باغراش كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى قومۇش سۇلۇق يەر كۆلىمى 600 مىڭ موغا يېتىدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر قومۇشنى ۋاقتىدا ئورۇپ يىغمىغاندا، قومۇشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ، قومۇش يوپۇرمىقى قاتارلىقلار سۇدا سېسىپ، سۇدا ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قۇرۇپ كەتكەن قومۇشلاردا غايەت زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بار. باغراش كۆلى قومۇش كەسپى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ، قومۇش تۆت يىل ئورۇپ يىغىۋېلىنمىغانلىقتىن، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا كۆپلىگەن يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى.

  جۇڭتەي شىڭۋېي زاۋۇت رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان باغراش كۆلى ئاخۇڭكوۋ مەنزىرە رايونى ئەتراپى جۇڭتەي شىڭۋېينىڭ ئاخۇڭكوۋ قومۇش مەيدانى ئىدى. 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتە، قومۇش مەيدانىدا ماشىنىلار گۈركىرەۋاتاتتى − ئىشچىلار ئالدىراش ھالدا ھەر 200 نەچچە كىلوگىرام قومۇشنى بىر باغلام قىلىپ باغلىغاندىن كېيىن، نومۇر سېلىپ رەتلىك تىزىۋاتاتتى. قومۇش مەيدانىدا، ئىككى - ئۈچ ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى قومۇشلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. قومۇش مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى چېن دى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوراپ - قاچىلىنىپ نومۇر سېلىنغان قومۇشلارنى خالىغان ۋاقىتتا زاۋۇت رايونىغا توشۇپ ئاپىرىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ قومۇش مەيدانى 8000 توننىغا يېقىن قومۇش ئورۇۋالدى. ئىشلەپچىقىرىش جانلانغان مەزگىلدە، ھەر كۈنى 600 توننا ئەتراپىدىكى قومۇش توشۇپ چىقىرىلدى.

  ئىلگىرى، بۇلغىنىشنى تۈزەش باغراش كۆلى قومۇش كەسپىدىكى بىر قىيىن ئۆتكەل ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭتەي شىڭۋېي مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار بولغان ئۇدا ھوردالغان قومۇش بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى قوللاندى ھەم ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش تەلىپىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش بىلەن قومۇش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈگۈننى يەشتى.

  كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى، قومۇش توغرىسىدا ئېسىل ھېكايىلەر سۆزلەندى

  جۇڭتەي شىڭۋېينىڭ يىغىن زالىدىكى ئۈستەلگە گۈل تىزىلماستىن، بەلكى قومۇش تىزىلغانىدى.

  سۇڭ جىمىن باغراش كۆلى قومۇش كەسپىدىكى «پېشقەدەم»لەرنىڭ بىرى بولۇپ، قومۇشقا ئائىت ھېكايىلەرنى ناھايىتى تەسىرلىك سۆزلەيدۇ.

  «قومۇش ھاياتىي كۈچكە ئىگە كەسىپ» دېدى ئۇ.

  جۇڭتەي شىڭۋېينىڭ ھازىر قىلىدىغىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بايلىق قېزىپ، قومۇشنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، يەنىمۇ ئۇزارتىش.

  بۇ شىركەتنىڭ چوڭ زالىدىكى قومۇش مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، قومۇش بوتقىسىدىن ياسالغان ھەر خىل تۇرمۇش قەغىزى، قومۇشتىن ياسالغان ھەر خىل ئەسۋابلار ھەمدە قومۇش نەي، قومۇش رەسىم، قومۇش پۆپۈكلۈك ساقلىقنى ساقلاش ياستۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار.

  بۇ، قومۇش توغرىسىدىكى ھېكايىنىڭ پەقەت بىر قىسمى، جۇڭتەي شىڭۋېي قومۇش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتماقتا. مەسىلەن، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، قومۇشتىن ياسالغان پەردە قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلدى؛ سىچۇەن بامبۇك پېلىكى كەسپىدىن تەجرىبە ئۆگىنىپ، قومۇش توقۇمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھەتتا قومۇش پەردىسىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنى ئايرىپ ئېلىپ، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىغا ئىگە دورا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقاردى.

  قومۇش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش تىرىشچانلىقى يەنە مەنبەگە قاراپ ئۇزارتىلماقتا. جۇڭتەي شىڭۋېي ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش، قومۇش مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قومۇش سورتىنى يېتىشتۈرۈش، سۈنئىي ئۇسۇلدا تېرىش جەھەتلەرگە مەبلەغ سالدى. شۇنداقلا قومۇش ئورۇشنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بىلەن كېلىشىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلدى.

  «قومۇشنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر، بىزنىڭ قومۇشتىن پايدىلىنىشىمىز تېخى بەكلا يېتەرلىك ئەمەس» دېدى سۇڭ جىمىن.

  بۇ يىل 5- ئايدا، جۇڭتەي شىڭۋېي بىلەن گېنلىدو بىيوپەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى كېلىشىم ئىمزالاپ، ئورتاق تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان بىيوئورگانىك ئوغۇتنىڭ رەسمىي زاۋۇتتىن چىقىرىلىشى بىلەن، باغراش كۆلى قومۇش كەسىپلەر زەنجىرى يەنىمۇ ئۇزارتىلدى.

  باغراش كۆلى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېشىل كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

  تۇمان دولقۇنلىرىدىكى بىپايان باغراش كۆلى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ قومۇش رايونىنىڭ بىرى.

  كېمىگە ئولتۇرۇپ قومۇشلۇقتىن كېسىپ ئۆتكەندە، ئىككى ياندىكى قومۇشلار ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئىسمىنى بىلمەيدىغان قۇشلار قومۇشلۇق ئىچىدە شوخ ۋىچىرلايتتى.

  «بۇ يىل قومۇشلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى ئۆستى» دېدى شىنجاڭ باغراش كۆلى ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دېڭ كەي.

  سۈنئىي ئۇسۇلدا قومۇش يېتىشتۈرۈشتىن باشقا، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

  باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى سۈزۈك، پاكىز بولۇپ، ئەتراپىدا بۇلغىنىش مەنبەسى يوق، ھەر خىل تاتلىق سۇ بېلىقى كۆپ چىقىدۇ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. «بېلىجانلار كۆلگە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ھېچقانداق سۈنئىي يەم بېرىلمەيدۇ، <ئادەملەر قويۇپ بېرىش، زېمىن بېقىش> يولغا قويۇلغان بولۇپ، تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولمايدۇ، بېلىقنىڭ يېشىل ئورگانىك سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى دېڭ كەي تونۇشتۇرۇپ.

  ھازىر، باغراش كۆلىدە سازلىق گۇڭيۈ بېلىقى، ئاق ئامۇر بېلىقى، لاققا بېلىق، قىزىل ئوكۇن بېلىقى قاتارلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىدىغان ۋە تەبىئىي كۆپىيىدىغان 30 نەچچە خىل تاتلىق سۇ بېلىق تۈرى يېتىشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. 2017- يىلى، جۇڭتەي گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ، باغراش كۆلى بېلىقچىلىقىنى ئۆزىنىڭ پاي كونترول بالا شىركىتىگە ئايلاندۇردى، بۇ شىركەت باغراش كۆلىنىڭ 30 يىللىق بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، يېشىل قۇيرۇقلۇق راك، قارا بېلىق، قىزىل ئوكۇن بېلىقى، لاققا بېلىق، خاپان باش بېلىق، تاپانبېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقى، كارپ بېلىقى، تۈكلۈك قىسقۇچپاقا، سازلىق گۇڭيۈ بېلىقىدىن ئىبارەت ئون خىل بېلىقچىلىق مەھسۇلاتى نەنجىڭ گوخۇەن ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپ قىلىش مەركىزىنىڭ ئورگانىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.

  ھازىر، باغراش كۆلى بېلىقچىلىقىنىڭ «باغراش تەمى» «باغراش ئەسلىمىسى» «ناشتىلىق بېلىق» «چۈشلۈك غىزا بېلىقى» «لاجياۋسى ياۋا بېلىق» قاتارلىق كۆپ سورتلۇق ياۋا بېلىق كونسېرۋا مەھسۇلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بېلىجانلارنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش، تېخنىكا كېڭەيتىش، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئىستىراھەت بېلىقچىلىقىنى بىر گەۋدە قىلغان چوڭ تىپتىكى بېقىش، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇتۇش بازىسى شەكىللەنمەكتە.

  ھازىر، جۇڭتەي گۇرۇھى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستى شىخەي سۇ ئىشلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ تەسىس قىلغان شىنجاڭ جۇڭتەي بويۈەن سۇ ئىشلىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرنەچچە سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

  جۇڭتەي شىڭۋېي شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دى جۈن مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باغراش كۆلىنىڭ يېشىل كەسىپلىرىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، زۇمرەت دولقۇن ئىچىدىكى بىپايان باغراش كۆلىنى چۆرىدەپ، بىر تال قومۇشتىن تارتىپ بىر تال قەغەزگىچە، بىر تال ياۋا بېلىقنى كۆلدىن ئۈستەلگە چىقىرىشقىچە بولغان ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، يېشىل كەسىپلەر زەنجىرى ۋە مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى