تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومىنىڭ قىرغىزچە نەشرىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېشكەك، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر گۇەن جيەنۋۇ) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومىنىڭ قىرغىزچە نەشرىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو - قىرغىزىستان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى بېشكەكتىكى زۇڭتۇڭ قەسىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوتۇنبايېۋا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇي، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومىنىڭ قىرغىزچە نەشرىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى قىرغىزىستان خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىنى نوپۇزلۇق پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.