تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3 مىليون 840 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.25 ئاشتى

6- ئاينىڭ 9- كۈنى، ساياھەتچىلەر باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىشلىق باركۆل يايلىقى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

(داۋۇت رىشات فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 3 مىليون 843 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.25 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 3 مىليارد 888 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.36 ئاشقان.

  «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» داۋاملىق قايناق بولۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر سانىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى. دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچى 1 مىليون 44 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.36 ئاشتى، ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.19 بولدى.

  بۇ يىل دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاسلىق ۋە يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، مەزمۇنى مول، روشەن خاسلىققا ئىگە بىر قاتار مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ساياھەت ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

  زۇڭزىغا بولغان مۇھەببەت ناخشىسى. نەشپۈتلۈك باغنىڭ خۇش پۇرىقى، «خۇشال بازاردا شادلىققا چۆمۈش» ... ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرى كۆزنى چاقناتتى. 6- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 252 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.43 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.55 ئاشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى «دولانلىقلار بىلەن دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش»، توقسۇ قۇملۇق خۇاخەي مەنزىرە رايونى شىنجاڭ بويىچە چېلىشىش ماھىرلىرى تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق 12 تۈرلۈك دۇەنۋۇ بايرىمىلىق مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 297 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.2 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 74 مىليون 298 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 ئاشتى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «دۇەنۋۇدىكى زۇڭزا مۇھەببىتى ئەجدىھا قولۋىقى مۇسابىقىسى» مەدەنىيەت، ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، جۇڭگو تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى ئاشكارا مۇسابىقىسى (مورى بېكىتى) قاتارلىق بىر يۈرۈش مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ۋە ساياھەت كىرىمىدە قوش ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، سانجى ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 258 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 ئاشتى. 6- ئاينىڭ 8- كۈنى، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 260 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 440 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشتى.

  جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان دۇەنۋۇ بايرىمىلىق تۈرلۈك ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن باشقا، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، مېۋە ئۈزۈش ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى