تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلىدۇ)نى تەشكىللەپ تۈزدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: «تېزىس»تا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، ئىگىلەشكە پايدىلىق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تېزىس» (مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىرتۇتاش بېسىپ تارقاتقان)نى بېسىپ تارقىتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم ياردەمچى ئوقۇشلۇق قىلىشقا قوشۇلدى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىشكە، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە تەشكىللىشى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «تېزىس»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ شەكىللىك، قاتلاملارغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈش، كۆپ ئويلاش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى؛ سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شەيئىلەرنىڭ ھادىسىسىنى بىلىپ، شۇنداقلا شەيئىلەر ھادىسىسىنىڭ ماھىيىتىنى، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بۇ ئىدىيە ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  كەڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە يەنىمۇ چوڭقۇر ئورنىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى