تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاشقازاننى كېسىپ ئورۇقلاشنى چۈشىنەمسىز؟

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسىنىڭ قىزغىنلىقى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېقىندا خەلقئارالىق داڭلىق تېببىي ژۇرنال «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىككە قوشۇلغان دىيابىت، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرى بۇ خىل ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئاشقازاننى كېسىپ ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق ئېغىرلىق قانداق چۈشىدۇ؟ قايتا سەمىرىش كۆرۈلەمدۇ-كۆرۈلمەمدۇ؟ زادى قانداق كىشىلەر ئاشقازاننى كېسىپ ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كېلىدۇ؟ ئورۇقلاش ئۈچۈن «قورساققا پىچاق تەگكۈزۈش»نىڭ قانداق كېسەللىك ئاسارىتى بولىدۇ؟ بۇنى ھەل قىلىشقا ئامال بارمۇ-يوق؟ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە بېيجىڭ دوختۇرخانىسى ئاشقازان-ئۈچەي تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جاۋ گاڭنى زىيارەت قىلدى.

  ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاشقازان سىغىمىنى تىزگىنلەش

  ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېغىرلىقنى كېمەيتىشنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىلدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، تىنچلىقنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سېمىز كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دوختۇرلىرى سېمىزلىكتىن باشقا، سېمىزلىككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، دىيابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى، چوڭقۇر ۋېنا قان نۆكچىسى، يۈرەك زەئىپلىشىش، بوغۇم ياللۇغى، قورساق سىرتقى چۇقۇقى ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى تەدرىجىي ھالدا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېغىرلىق كېمەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان، شۇنداقلا بۇ بارا-بارا كېڭەيگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلگەن ئوپېراتسىيە ئاشقازاننىڭ يايسىمىغان قىسمىنى كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاشقازان سىغىمىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقى كېمەيتىلىپ، مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. «ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسىدە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولى قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلىپ، يېمەكلىك قوبۇل قىلىش مىقدارى ئازايتىلىپ، يېمەكلىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تىزگىنلىنىپ، بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى سەۋىيەسى تۆۋەنلىتىلىپ، بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى پارچىلىنىش مېتابولىزمىدىن كىچىكلىتىدۇ ھەمدە بىرقەدەر يەڭگىل بەدەن يەنە بىر قېتىم تەڭپۇڭلىشىدۇ» دېدى جاۋ گاڭ مۇخبىرغا.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسىنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوپېراتسىيە تۈرىنى تاللاشقا توغرا كېلىدىكەن، مەسىلەن، ئاددىيلا ھالدىكى سېمىزلىكتە ئادەتتە ئاشقازاننىڭ يايسىمان تەرىپى كېسىپ ئېلىۋېتىلىدىكەن؛ بىماردا سېمىزلىككە ئېغىر دىيابىت كېسىلى قوشۇلغان بولسا، ئاشقازان ئايلانما ئېقىمى ئوپېراتسىيەسى قىلسا داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، ھەتتا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قان قەنتىمۇ پۈتۈنلەي نورماللىشىدىكەن.

  ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى قايتا ئاشامدۇ؟ جاۋ گاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ئوپېراتسىيە ئاشقازان-ئۈچەي يولى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەمنىڭ ئېچىرقاش تۇيغۇسىنى پەسەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بىمارنى تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلەيدۇ، بەزى ئوپېراتسىيە يەنە يېمەكلىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ. ئون نەچچە يىللىق كىلىنىكىلىق كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق مەزگىللىك قايتا سەمىرىش نىسبىتى ئاران %5~%10 بولغان. ئەگەر بىمار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يېتەكچىلىككە قاتتىق ئەمەل قىلسا ۋە قەرەللىك تەكشۈرتسە، قايتا سەمىرىپ كېتىشتىن زور دەرىجىدە ساقلىنالايدۇ. شۇڭا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېغىرلىق كېمەيتىشنىڭ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى».

  «ماي تارتىش قاتارلىق قىسمەن جاينىلا ئورۇقلىتىدىغان باشقا ئۇسۇللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، بۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ماي مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئارقىلىق سېمىزلىككە مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەمدە سېمىزلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى جاۋ گاڭ.

  سېمىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كەلمەيدۇ

  جاۋ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدەن يۈكى بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، كۆپ خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ، كۆپ پەنلىك داۋالاش ئەندىزىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋالاش بەكمۇ زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئورۇقلاش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

  «ئەمما، بارلىق سېمىز كىشىلەر ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئورۇقلاش سېمىزلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كېڭەيتىشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك». جاۋ گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئادەتتە، ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقان بىمارلارنىڭ يېشى 16 ياشتىن 65 ياشقىچە بولۇشى، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 32.5تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، سېمىزلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە، مەسىلەن، دىيابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇدا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا قارىتا بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق دەرىجىدە قويۇۋېتىلسە بولىدۇ».

  بۇ يىل ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو سېمىزلىك ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابىت كېسىلى تاشقى كېسەللىكلەر داۋالاش قوللانمىسى (2019-يىللىق نۇسخسى)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 16 ياشتىن تۆۋەن بىمارلارغا قارىتا، ئوزۇقلۇق بۆلۈمى ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىقلار مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئېھتىماللىق ۋە خەۋپ-خەتەرنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئەھۋالنى تولۇق ئۇقتۇرۇشى، ئەھۋالنى بىلىپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى كەڭ كېڭەيتىش تەۋسىيە قىلىنمايدىكەن.

  جاۋ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتىدا، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسى قىلىش بىخەتەر، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئېلىمىزدىكى ئېغىرلىق كېمەيتىش مېتابولىزمى ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان ئەڭ كىچىك بىمار 14 ياش ئىكەن. 16 ياشتىن تۆۋەن بىمارلارغا نىسبەتەن، ئەگەر  ئېغىرلىق كېمەيتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى تولۇق باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن، ئەگەر ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بىمارغا زور نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دەپ قارالسا، چوقۇم دوختۇرخانا ئېتىكىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا بولىدىكەن».

  ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كېسەللىك ئاسارىتى كۆرۈلىدۇ

  «ھەرقانداق ئوپېراتسىيەنىڭ بەدەنگە زىيىنى بولىدۇ، ئېغىرلىق كېمەيتىش ئوپېراتسىيەسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بەزى بىمارلاردا چاچ چۈشۈش، بەزىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، جۈملىدىن ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى جاۋ گاڭ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە بىمار كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلىشى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تېخىمۇ دوختۇرخانىغا قايتا تەكشۈرتۈشكە بېرىشى ھەمدە ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلىشى، بەدەن ئېغىرلىقى تۇراقلاشقاندىن كېيىن، تاماقلىنىش تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

  ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بەزى كېسەللىك ئاسارىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. جاۋ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاشقازاننىڭ يايسىمان قىسىمىنى كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، ئاز ساندىكى بىمارلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە قورساق دىۋارى چۇقۇقى، ئۆت يولىغا تاش چۈشۈش خەۋپى بولىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ تەتۈر ئېقىمى نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بىمارلار كىسلاتانى تىزگىنلەيدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەدەندە بىرقەدەر چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەچكە، تېرىلەر بوشاپ ساڭگىلاپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەزگىل چېنىقىش ئارقىلىق تېرىلەرنى چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

  «ئوزۇقلۇق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە تۆمۈر، ۋىتامىن B12 ھەمدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا، بىمارغا ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش، دائىم قايتا تەكشۈرتۈش تەكلىپى بېرىمىز» دېدى جاۋ گاڭ.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېغىرلىق كېمەيتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرمىغان سېمىز كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆلچەملىك داۋالانغان بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۆمرى ئوتتۇرىچە يەتتە يىل ئۇزىرايدىكەن. جاۋ گاڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئوپېراتسىيە قىلىپ بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىشتە بەدەن يۈزىدىكى ماي ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئەزالاردىكى ماي مىقدارى ئازايتىلىدۇ. بۇ خىل ئوپېراتسىيە شۇنداقلا يەنە شەكىل تۈزەش، ھۆسن تۈزەشمۇ ئەمەس، بۇ بەلكى مېتابولىزمنى ياخشىلاش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتە ئاكتىپ چېنىقىش ۋە ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ساغلاملىقىنى ساقلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز».

پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى