تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھەرىكەتنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرەلىشىدىكى ئالتە سەۋەب

  مەيلى قانچە ياشقا كىرىڭ، تاماكا تاشلاشنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىسى بار. تاماكا خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن، كۆپرەك تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا تاماكا تاشلاش بىلەن ھەرىكەتنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟

  دۆلەتلىك ساغلاملىق تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى ئالىملار 12 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، 430 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ھەركۈنى پەقەت 15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىدىغان تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن ئەزەلدىن ھەرىكەت قىلمايدىغان تاماكا چەككۈچىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىلارنىڭ تاماكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلاش نىسبىتى %55 ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىملارنىڭ يەنە بايقىشىچە، ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن قايتا چېكىش ئېھتىماللىقى ھەرىكەت قىلمايدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، %43 تۆۋەن بولىدىكەن.

  ئۇنداقتا ھەرىكەتنىڭ تاماكا تاشلاشقا قانداق ياردىمى بار ؟ بىرىنچى، ھەرىكەت كىشىگە كىرىشىش ھېسسىياتى بېرىدۇ، ئۇنىڭ دىققەتنى بۇراش رولى بار، بۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە نىكوتىنغا بولغان ئىنتىلىش ئازىيىدۇ؛ ئىككىنچى، ھەرىكەتكە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، چېنىققاندا تاماكا چېكىشكە ۋاقىت چىقماي، تەبىئىيلا تاماكا چېكىش نىسبىتى ئازىيىدۇ؛ ئۈچىنچى، ياخشى بولغان چېنىقىش ئادىتىدە كىشى ئۆزىنى تېخىمۇ تىزگىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماكا تاشلاشقا مايىللىشىدۇ؛ تۆتىنچى، نىكوتىننى تاشلاشنىڭ بىر قاتار ئالامەتلىرىدىن تىت-تىت بولۇش، باش قېيىش، يۆتىلىش، كۆپ تەرلەش قاتارلىقلار بار، ھەرىكەت قىلغاندا ئادەم بەدىنى ئېندروفىن قويۇپ بېرىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى نىكوتىن بىلەن رىقابەتلىشىپ قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىپ، كىشىدە خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، جىددىي كەيپىياتنى يوقىتىپ، خۇمارنى باسىدۇ. بەشىنچى، ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئورگانىزملارغا ئوكسېگىن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان كاربون چالا ئوكسىد قىزىل قان ئاقسىلى بىرىكمە ماددىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئورگانىزملارنىڭ زەھەرلىنىش ئالامىتىنى يېنىكلىتىدۇ. ئالتىنچى، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا تاشلاشتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى سەككىز جىڭ ئاشىدىكەن، ھەرىكەت قىلغاندا بولسا ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن.

  تاماكا تاشلىماقچى بولغانلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئوڭۇشلۇق تاماكا تاشلىماقچى بولسىڭىز، ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن سىرت، تاماكىنى «كۆزگە چېلىقىدىغان جاي»غا قويماڭ، تاماكا جابدۇقلىرىڭىزنى تاشلاپ، تاماكا چەككۈچىلەر توپىدىن يىراق تۇرۇڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەردىن كۆپرەك ياردەم سوراپ، ئۆزىڭىزنى پىسخىكا جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى