تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جوۋ زې، شيا شياۋلى): يېقىندا، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا ناھىيە بويىچە 40 نەچچە ئورۇندىن كەلگەن 120دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
تەربىيەلەش يىغىنى بېيجىڭ چۈەنجىڭ داگۇەن ساياھەت پىلانلاش-لايىھەلەش يۇرتىنىڭ باشلىقى ما يوۋمىڭنى تەكلىپ قىلىپ، دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇھىت سۈپىتىنى باھالاش تەپسىلىي قائىدە ئۆلچىمىگە قارىتا، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىش شەرتى، بەرپا قىلىش ئۆلچىمى، بەرپا قىلىش تەرتىپى قاتارلىقلاردىن باشلاپ، بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەت قاتنىشى، ساياھەت مۇلازىمىتى، ساياھەت بىخەتەرلىكى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، مۇھىت تازىلىقى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بايلىق مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق 8 جەھەتتىن چۈشەنچە بەردى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى بۇ ناھىيەنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى.