سۈرەتتە ساياھەتچىلەر تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىنى تاماشا قىلماقتا.
ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەت ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 60دىن ئارتۇق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى «مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يول ياسىغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، كۈسەن ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى كۇچادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى، بۇمۇ مايتاغ-كۇچا تاشيولى بۇ يىل ئېچىلغاندىن كېيىن كۈتىۋالغان تۇنجى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ رەسمىي يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.