تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شياڭگاڭ بېكىتى: جۇڭگو كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىگە ئېرىشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ نىڭ) ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان 2019-يىللىق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شياڭگاڭ بېكىتى مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى خۇڭكەن تەنتەربىيە سارىيىدا ئىككىنچى كۈنلۈك ئېلىشىشقا قەدەم قويدى، جۇڭگو كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسنى يېڭىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىگە ئېرىشتى.

  مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى شياڭگاڭ بېكىتىدىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە 0گە قارشى 3 نەتىجىدە ياپونىيە كوماندىسىنى يەڭگەنىدى، گوللاندىيە كوماندىسى بولسا 3:1 نەتىجىدە ئىتالىيە كوماندىسىغا يېڭىلغانىدى.

  مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لاڭ پىڭ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ماھىرلار سېپىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى. كوماندا باشلىقى جۇ تىڭ بىلەن ليۇ شياۋتۇڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچى بولدى، جاڭ چاڭنىڭ زاپاس ئەزا بولدى. قوشۇمچە ھۇجۇمچى يۈەن شىنيۆنىڭ ھەمراھى يەن نىدىن ياڭ خەنيۈگە ئالماشتۇرۇلدى. گۇڭ شياڭيۈ بىلەن دىڭ شيا يەنىلا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ماسلاشتۇرغۇچى ۋە ئىككىنچى پاس بەرگۈچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئەركىن ئوينىغۇچى ۋاڭ مېڭجيېدىن لىن لىغا ئالماشتى.

  بۇ مەيدان ئېلىشىش ئاخىرلاشقاندا، جۇ تىڭ پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر 18 نومۇرغا، يۈەن شىنيۆ 12 نومۇرغا، گۇڭ شياڭيۈ 11نومۇرغا ئېرىشتى. گوللاندىيە كوماندىسىدىكى مېرۇس 14 نومۇرغا، گاسپا 12 نومۇرغا ئېرىشتى.

  يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئېگنو پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى 20 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 25 : 21 ، 25 : 16 ۋە 25 : 22 نەتىجىدە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىشىغا كۈچ چىقاردى.

  مۇسابىقە تەرتىپىگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن، ياپونىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش