تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇ ناھىيەسىدە 11 مىڭ 700 مو يەردىكى يازلىق كۆكتاتنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن): 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ توپقان بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە سەۋزىنى كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىش قىلىش تېخنىكا بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى. بۇ يىل، بۇ ناھىيە ئۆز جايىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى يېتەرلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، دېھقانلارنى ئۆسۈش مەزگىلى قىسقا، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان سەۋزە، شوخلا، چەيزە، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنى ياخشى تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر ناھىيە بويىچە 11 مىڭ 700 مو يەرگە يازلىق كۆكتات تېرىلغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى