تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە چارشەنبە كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃20 ئەتراپىدا بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن): 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى بىر ھەپتىدىن باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى (چارشەنبە) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃20 قا چۈشىدىكەن ھەمدە ئازراق يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سالقىن بولىدىكەن.

  6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇھىم مېتېئورولوگىيە مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزدىن 14-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆل-يىغىن سىستېمىسىنىڭ سىجىل تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ھۆل-يىغىن كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ۋە  قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

  ئەڭ قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان ۋاقىت تۆۋەندىكىچە: ئىلى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدە 11-كۈنى كۈندۈزدىن 12-كۈنى كۈندۈزگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدا 12-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، سانجى ئوبلاستىدا 12-كۈنى كېچىدىن 13-كۈنى كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ شامال ئېغىزلىرىدا 8 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇم ئۇچۇپ، قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران چىقىدىكەن.

  6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يامغۇر ياغدى.  مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋە 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃23 ئەتراپىدا بولىدىكەن. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تېمپېراتۇرا كېلەر ھەپتىلىك ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشىدىكەن، كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃20 ئەتراپىدا بولىدىكەن. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى (پەيشەنبە)دىن باشلاپ، ھاۋا ياخشىلىنىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ℃27قا ئۆرلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى