تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى سۇڭ) 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى. كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوقۇش بېسىمى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ناچار كۆز ئىشلىتىش ئادىتى قاتارلىق ئامىللار بالىلارنىڭ كۆز يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىكەن. كۆزنى ئارام ئالدۇرۇپ ئىشلىتىش، توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسراشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  چۇڭچىڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پى ليەنخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىراقنى كۆرەلمەسلىك بەلگىلىك ھالدا ئېرسىيەتتىن بولىدۇ، لېكىن، ئادەتتە يول يۈرگەندە كىتاب كۆرۈش، يېتىپ كىتاب كۆرۈش، نۇر زىيادە كۈچلۈك ياكى ئاجىز مۇھىتتا ئۆگىنىش قىلىش، ئېلېكترونلۇق ئېكرانغا ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ قاراشمۇ بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسانلا چارچىتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  پى ليەنخۇڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ جىسىمغا قارىغاندا دائىم كۆزىنى قىسىدىغانلىقىنى، پات - پات كۆزىنى چىمچىقلىتىدىغانلىقىنى، دائىم كۆزىنى ئۇۋۇلايدىغانلىقىنى، ئالىغاي بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا، دەرھال بالىنىڭ كۆزىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

  ئادەتتە بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ پى ليەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن كۆزنى ئارام ئالدۇرۇپ ئىشلتىشتە چىڭ تۇرۇش. كىتاب ئوقۇغاندا، خەت يازغاندا ياكى تېلېۋىزور كۆرگەندە ھەر 30 ~ 40 مىنۇتتا 10 ~ 15 مىنۇت دەم ئېلىش ھەمدە يىراققا نەزەر سېلىش كېرەك. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يانفون، تەكشى ئېكرانلىق كومپىيوتېر قاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى كۆپ ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك، بالىلار ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا، كۆزى كىتاب بىلەن تەخمىنەن 33 سانتېمېتىر ئارىلىق ساقلاش، كۆكرىكى ئۈستەل بىلەن بىر مۇشت ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

  «نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دالا پائالىيىتى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن.» پى ليەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشتىن سىرت ۋاقىتلاردا بالىلارنى دالا پائالىيىتىگە كۆپرەك قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك دالا پائالىيىتى قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى