تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

گىلاس تاللاشنى بىلىۋېلىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

      رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق گىلاس يازدا يېيىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، لېكىن گىلاسنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ يېيىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، تۆۋەندە گىلاس تاللاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

  پوستى مۇكەممەل گىلاسنى تاللاڭ

  گىلاس ئىسسىقتىن قورقىدۇ، ئوچۇقچىلىقتا توشۇلسا ياكى ساقلىسا مېۋە چىۋىنى تۇخۇم تۇغۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئادەتتە مېۋە چىۋىنى تۇخۇملاپ قويغان گىلاسنىڭ پوستى سەل يۇمشاق بولىدۇ، ھەتتا بۇزۇلۇپمۇ قالىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تەمى كىسلاتالىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. گىلاس تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى يېڭىسىنى، پوستى مۇكەممەل، تۆشۈك بولمىغانلىرىنى، مېۋە شەكلىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدىغان، غەيرى بولمىغان گىلاسلارنى تاللاش كېرەك. ئەگەر گىلاستا قۇرت بار دەپ ئەنسىرىسىڭىز، ئۇنداقتا تۇز سۈيىگە چىلىۋەتكەندىن كېيىن يېسىڭىز بولىدۇ.

  رەڭگى تەكشى بولغان گىلاسنى تاللاڭ

  رەڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈن نۇرى ۋە شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇھىتتا ئۆسكەن گىلاسنىڭ رەڭگى ئاساسەن تەكشى بولىدۇ. ئەكىسچە رەڭگى تەكشى بولمىغان گىلاسنىڭ تەمىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، سىئانىدىن مىقدارىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

  مېۋە ساپىقى ئۇزۇنراق گىلاسنى تاللاڭ

  ساپىقى ئۇزۇن – قىسقا بولۇشمۇ مېۋە تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزۇن ساپاقلىق گىلاسنىڭ تەمى قىسقا ساپاقلىق گىلاسنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ، ئەمما قىسقا ساپاقلىق گىلاسنىڭ سۇ تەركىبى ئۇزۇن ساپاقلىق گىلاسنىڭكىدىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋە ساپىقىنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسىگىمۇ قاراش كېرەك، يېڭى گىلاسنىڭ ساپىقى مۇستەھكەم، رەڭگى تەبىئىي بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش