تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش كۆلىگە 100 مىڭ بېلىجان قويۇپ بېرىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەت بويىچە «بېلىق قويۇپ بېرىش كۈنى» بولۇپ، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى چوڭ دەريا ئېغىزىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇ كۈنى ياپىلاق تۇمشۇق بېلىقتىن 20 مىڭنى، ئوتخور بېلىق، لاققا بېلىق، خاپانباش بېلىق، كارپ بېلىقى قاتارلىق بېلىجانلاردىن 80 مىڭنى قويۇپ بېرىپ، باغراش كۆلىنىڭ سۇ جانلىقلىرى بايلىقىنى كۆپەيتىپ، سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. (نىيەن لېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش