رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىپ
شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ھەم 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ساينت پېتېربۇرگتىن ئايرىلىپ يولغا چىقىپ دۆلەتكە قايتتى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە لېنىنگراد ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى، ساينت پېتېربۇرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلى قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.