تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«كۆچۈپ كەتمەيدىغان ياخشى قوشنا، ئايرىلىپ كەتمەيدىغان ھەقىقىي ھەمراھ»

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدىكى 54 سائەت ۋاقتى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، جى پېيجۈەن، يىن شىنيۈ

  موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بىر جۇڭگولۇق كىچىك ئوغۇل بالا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېنىغا قىستىلىپ كېلىپ: «بۇ سىزنىڭ رۇسىيەگە قانچىنچى قېتىم كېلىشىڭىز؟» دەپ سورىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىلىپ تۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن كىچىك ئوغۇل بالىغا: «ھېسابلاپ باقسام، بۇ 2013- يىلىدىن بۇيان رۇسىيەنى سەككىزىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشىم ئىكەن» دېدى.

  يەنە بىر سان ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئالتە يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 30 قېتىم ئۇچراشتى. پۈتۈن يەر شارىغا نەزەر سالساق، دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى بۇنداق قويۇق ئالاقە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بۇ يىل 4- ئايدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگوغا كېلىپ، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى. بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم 23 - نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى.

  6- ئايدىكى رۇسىيەدە تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، دەريالار ئۆركەشلەپ ئاقاتتى. 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، موسكۋادىن ساينت پېتېربۇرگقىچە بولغان 54 سائەتتە مول ھوسۇللۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى پارچە قوشما بايانات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتتى. بىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى» بولۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 70 يىللىق ۋاقىت تۈگۈنىدە، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يەنە بىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى» بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغانسېرى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا شۇنچە چاقىرىق قىلىندى.

  جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى.

  ۋاقىت ئۆلچىمى: تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل

  6- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئالدىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ بىر مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزدى − جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئورتاق ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ۋاقىت ۋە بوشلۇق كارىدورىدا كېتىۋاتقاندا، ئۇلار قەدىمىنى ئاستىلىتىپ تەپسىلىي كۆردى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئەتىسىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەڭداشسىز تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتتى. ئۆزئارا بىر - بىرىنى دوستانە دۆلەت دەپ قاراشتىن ئىجابىي ھەمراھقا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىغا، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىغا ئايلاندى. 70 يىلدا ئاز كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلەر قولغا كەلدى، نۇرغۇن بوران - چاپقۇن ۋە قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى، دۇنيا ئاللىقاچان ئەينى چاغدىكى دۇنياغا ئوخشىماي قالدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى: بۈگۈنكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

  بېسىپ ئۆتكەن يوللارنىڭ ھەممىسىدە تارىخنىڭ ئەكس ساداسى جاراڭلايدۇ.

  قەدىمىي موسكۋا چوڭ تىياتىرخانىسىدا، جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر ئالدىدا تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «70 يىل ئىلگىرى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دەل مۇشۇ جايدا جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇقىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى ئاچقان».

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ئالايىتەن بېيجىڭدىكى دوستلۇق مېھمانخانىسىنى تاللاپ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى، چۈنكى «بۇ يەردىكى كۆرۈشۈشتە تارىخ بىلەن بولغان بىر باغلىنىش كۆپەيدى». جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، زور بىرتۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگوغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. دوستلۇق مېھمانخانىسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسنىڭ تۇرالغۇسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان.

  ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ، قەدەممۇقەدەم داۋاملىق ئالغا بېسىلدى.

  نېۋا دەرياسىنى بىللە سەيلە قىلىش كۆرۈنۈشىدە پەۋقۇلئاددە دوستلۇق ساقلىنىلدى. ياز شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتسە، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار چايقىلىپ تۇراتتى، ئۇلار ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسى پورتىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، لادوگا كۆلى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ناشىموۋ دېڭىز ئارمىيەسى مەكتىپى، ئاۋرورا ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت، يازلىق باغ ئوردىسى، يەنە قارشى قىرغاقتىكى خەيشېن تۈۋرۈكى، ساينت پېتېربۇرگ قەلئەسى... زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۆزىگە بەش قولدەك تونۇش بولغان يۇرتىنى قەدىناس دوستىغا تونۇشتۇردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى زەمبىرەك ئوقىنى ئاتقان ئاۋرورا ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتقا چىقىپ، تارىخنى ئۆزگەرتكەن ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئورتاق ئەسلەپ ئۆتتى.

  قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، پۇخادىن چىقماي، قىشلىق سارايغا كىرىپ داۋاملىق ئۇزاق سۆھبەتلەشتى.

  ئىككىنچى كۈنى، 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق دېدى: مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىنتايىن ياخشى شەخسىي مۇناسىۋىتىم بار، بىز تۈنۈگۈن خىلمۇخىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، تاكى كېچە سائەت 12دىن ئاشقىچە سۆھبەتلەشتۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭغا سىزنى بۇنچىۋالا كەچ قويغانلىقىمدىن ئىنتايىن خىجالەت بولدۇم، دېدىم.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تۈزۈپ بەردى. «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش» «چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش» «يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش» «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئورتاق پايدا ئېلىش» جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە نىشانى بولۇپ، چوڭقۇر دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 70 يىل ئابىدە، شۇنداقلا يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.

  «رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بىراق بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە قانائەت قىلساق بولمايدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.» زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگونىڭ قەدىمكى سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئالىي ئىلىم يولى نۇرلۇق، توغرا ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى، خەلقچىل بولۇشنى، دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.» جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىمۇ دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك.

  تەرەققىيات ئۆلچىمى: تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى

  قانداق قىلغاندا سىياسىي مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ ئالتە يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بارغاندا، بۇنى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە دۇچ كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ بېكىتكەنىدى.

  يىللار داۋاملاشماقتا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شەخسەن ئۆزى تۈرتكە بولۇشى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، ئەنئەنىۋى ساھە ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر ھەمكارلىقى تەڭ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. بۇلتۇر ئىككى تەرەپ سودىسى 100 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى ۋەزنى ئەڭ ئېغىر، نەتىجىسى ئەڭ كۆپ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ساھە، بۇلتۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە سودا سوممىسى ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. 6- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە بىرلىكتە قاتناشتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: نۇرغۇن ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرى بەلگىلەنگەن كۈنتەرتىپ جەدۋىلى بويىچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

  جۇڭگونىڭ رۇسىيەنىڭ غەيرىي بايلىق ساھەسىدىكى سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. چاڭچېڭ ئاپتوموبىلىنىڭ پۈتۈن تېخنولوگىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۇرا ئوبلاستىغا ماكانلاشتى، بۇ تۈرنىڭ 1- قارارىدا 1500 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كىرېمىل سارىيىنىڭ خان جەمەتى قورۇسىدا چاڭچېڭ ئاپتوموبىلى تۇرا ئوبلاستى زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. پارقىراپ تۇرغان ئاپتوموبىل موتورى قاپقىقىغا ئۇلار خۇشاللىق بىلەن ئىمزا قويدى. تۇرا ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ديۇمىن دەرھال «تالىشىپ سېتىۋالدى».

  6- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، كىرېمىل سارىيىنىڭ كۇڭچۆشى زالى ئادەملەرگە تولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 20 نەچچە پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، پەن - تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، خەۋەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگوغا سېرىق پۇرچاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىم رۇسىيەگە كەلگەندە، ئىككى تەرەپ جەمئىي قىممىتى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان تۈرلەرنى ئىمزالىدى. سۆھبەت داۋامىدا مەن ۋاقىتنىڭ يېتىشمەي قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى سۆزلىشىدىغان مەزمۇن بارغانسېرى كۆپەيدى، تۈرلەرمۇ بارغانسېرى كونكرېتلاشتى».

  «بىز رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپ سودا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايمىز.» زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ ساھەدە ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى بار، بۇنداق كەڭ ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق بىز بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان».

  جۇڭگو - رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ئەۋجىگە چىقتى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئانا مەكتىپى − چىڭخۇا داشۆسى بىلەن ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەرقايسى تەرەپنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ۋە ياشلار ئالماشتۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. «خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇۋاتقان جۇڭگو - رۇسىيە» ئادىمىيەت ئالاقىسى باش تېما پائالىيىتى باشلاندى. موسكۋا ۋە ساينت پېتېربۇرگتا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. موسكۋاغا ماكانلاشقان ئىككى مۈشۈكئېيىق «رۇيى» «دىڭدىڭ» رۇسىيەدە يېڭىدىن «جۇڭگو قىزغىنلىقى»نى قوزغىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى دۆلەتتىكى ئاۋامغا بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى: «ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز».

  بوشلۇق ئۆلچىمى: تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو - رۇسىيە لايىھەسى

  جۇڭگو - رۇسىيە، گەۋدىسى زور ئىككى قوشنا دۆلەت دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچكە ئىگە.

  بىر يېڭى سۆز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىزاھلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. موسكۋادا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلەشكەن مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو - رۇسىيە لايىھەسىنى تەقدىم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا: «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بارلىق مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەيدانغا ئىگە» دەپ تەكىتلىدى.

  ئورتاق تونۇش تارىختىن كەلگەن. 70 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ يازدى. ئاسىيا ۋە ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغانلار ئەڭ كۆپ، تۆھپىسى ئەڭ زور دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو، رۇسىيە تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ.

  ئىنسانىيەت قايتىدىن تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ زور ئۈمىدىنى ئۈستىگە ئالغان. يېڭى دەۋردە تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى قوغداش بۇرچىنى تېخىمۇ زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  جۇڭگو - رۇسىيە لايىھەسىدە تەۋرىنىشكە يول قويۇلمايدىغان تۆۋەن چەك بار. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغدايدۇ، خەلقئارا قانۇننى قوغدايدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاساسىي مىزانىنى قوغدايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى زامان يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى جاراڭلىق، مەردانە. رەئىس شى جىنپىڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىدىكى ئاكتىپ ئۈنۈم ئېففېكتىنى نامايان قىلدى، بۇ، نۆۋەتتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

  ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى چۆرىدەپ ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: «كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش» «ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان بەختلىك جەمئىيەتنى تىرىشىپ قۇرۇش» «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىش». زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ سۆزى ئوخشاش ئۈمىدنى ئىپادىلىدى.

  ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالقىسىدا رىياسەتچى كۆپلىگەن قىزىق نۇقتىلارنى تىلغا ئالدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىككى مەسىلە دۇنيانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

  بۇنىڭدىكى بىر مەسىلە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا.

  رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، «قاتناشقان تەرەپلەر تارىختىكى يىپەك يولى دائىرىسىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئاساس قىلىش ئەمەسلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. <بىر بەلباغ، بىر يول> ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. <بىر بەلباغ، بىر يول> يەنە ئاتالمىش جۇڭگونىڭ مۇستەملىكە پىلانىمۇ ئەمەس، جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش تارىخى بولۇپ باقمىغان».

  زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى: «مەن 2- نۆۋەتلىك <بىر بەلباغ، بىر يول> خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقاندا شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، يەر شارىدىكى نۇرغۇن مۇھىم باشلىقلارنىڭ ھەممىسى كەلدى. مەن يەنە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېھمانلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم؛ ئۇلار تەكلىپ بەردى، بىراق ھەرقايسى تەرەپلەرنى مەجبۇرلىمىدى».

  يەنە بىر مەسىلە يەر شارىۋىلىشىش ۋە يەر شارىۋىلىشىش بىلەن تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش، يەككە تەرەپچىللىك ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ توقۇنۇشى توغرىسىدا.

  دۇنيادىكى ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق تۇمانلىرىغا قارىتا، زۇڭتۇڭ پۇتىن سەمىمىي ۋە ئوچۇق سۆزلىدى: يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشى ئالدىدا، بەزى غەرب دۆلەتلىرى سودا ئۇرۇشى قوزغاش، پۇل مۇئامىلە زومىگەرلىكىنى يولغا قويۇش، ھە دېسىلا بىر تەرەپلىمە جازا قوللىنىش ۋە ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش، نورمال مائارىپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق يولسىز ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىم ئىشلەتتى. ئايرىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى».

  بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 5G تۈر ھەمكارلىق ھەمراھلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئۇچۇر تارقاتتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەر ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن 5G تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىپ، يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ سوئاللارغا جانلىق، تەسىرلىك جاۋاب بەردى.

  «يەر شارىۋىلىشىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، جۇڭگو يەر شارىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ قەتئىي تەشەببۇسچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر، دۇنيادا كۆرۈلگەن يەر شارىۋىلىشىش بىلەن تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭىدىغان بىر قىسىم ھەرىكەتلەر پەقەت يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىدا كۆتۈرۈلگەن ئازراق بۇژغۇن بولۇپ، يەر شارىۋىلىشىش چوڭ ئېقىمىنى توسۇيالمايدۇ. يەر شارىۋىلىشىشتا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر قورقۇنچلۇق ئەمەس، گېلىغا تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇپ تاماق يېمەسلىككە، ھە دېسىلا قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىللىك تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان شەخسىيەتچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ».

  «بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يەر شارىۋىلىشىشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئېچىۋېتىشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىز باشقىچە يول تۇتماقچى ئەمەس، بەلكى ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك».

  «جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، بۇزغۇچىسى بولماسلىققا، كۆۋرۈك سالغۇچىسى بولۇپ، ئورا كولىغۇچىسى بولماسلىققا كۈچ چىقىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى مۇلايىم ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان: «جۇڭگو مەدەنىيىتى <ئىناقلىق ھەممىدىن ئەلا> <ئىناقلىق بولغاندا باي بولغىلى بولىدۇ> دېگەنگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك».

  جۇڭگو - رۇسىيە لايىھەسى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى، دۇنيا ھەممىنى ئاڭلىدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ساينت پېتېربۇرگ، 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.