تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى پېتى پارچە سېتىش يېڭى ئەندىزىسى شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى

ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش + ئېلېكتىرونلۇق سودا

يېڭى پېتى پارچە سېتىش يېڭى ئەندىزىسى شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بىر يىلدىكى ئۆرۈك پىشىش مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش + ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى پېتى پارچە سېتىش يېڭى ئەندىزىسىگە ئىگە بولغان شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ باھاسى بىردىنلا ئۆرلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئېنېرگىيە قوشتى.

  6- ئاينىڭ 6- كۈنى، تيەنماۋ سودا شەھەرچىسىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق غەربىي يۇرت باغۋەنچىلىكى ھۆكۈمەت تەرەپ بايراقدار دۇكىنى كۇچا ئاق ئۆرۈكىنى ئالدىن ساتتى: 80 تالدىن قاچىلانغان بىر يەشىك ئۆرۈكنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 1.2 كىلوگىرام بولۇپ، 129 يۈەندىن سېتىلدى.

  پۈتكۈل تاۋباۋ سۇپىسىنى ئىزدىگەندە، تۆت جىڭدىن قاچىلانغان شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكى مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، باھاسى 89.8 يۈەندىن 360 يۈەنگىچە بولغان. جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدە سېتىلغان شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكىمۇ ئوخشاشلا تۆت جىڭدىن قاچىلانغان بولۇپ، باھاسى 98 يۈەندىن 357 يۈەنگىچە بولغان. 6- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە، تۆت جىڭدىن قاچىلانغان يېڭى ئۆرۈكنى ھەربىر ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ ئالدىن سېتىش مىقدارى 1000 يەشىكتىن ئاشقان، ئەڭ كۆپ ساتقان بىر كارخانىدا 2960 ئادەمنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  تور سۇپىسىدا سېتىلىدىغان ئاق ئۆرۈكنىڭ ھەربىر تېلى ئايرىم ئوراپ قاچىلىنىدۇ. سېتىش مۇلازىمەتچىسى مۇنداق دېدى: ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ۋە سوغۇق زەنجىرلىك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق، ئاق ئۆرۈك شۇ كۈنى ئۈزۈلۈپ شۇ كۈنى تارقىتىلىدۇ، ئەڭ تېز بولغاندا ئەتىسى يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تەگكەندە، شېخىدىكىگە ئوخشاشلا يېڭى تۇرىدۇ.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەي كەييۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئۆرۈك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا كىرگۈزۈپ، تۇرپان، كۇچا، بۈگۈر، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا بىر تارماق تاللاش لىنىيەسى، توققۇز ئازوتلۇق قاچىلاپ ئوراش لىنىيەسى قۇردى ھەم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 600دىن ئارتۇق تور سىرتىدىكى ئەمەلىي دۇكان ۋە تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ، خۇانچيۇ بۇشوۋ، يۈنجى تورى، تەمىنات - سودا e ئائىلىسى قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىش يولى ئاچتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، 6- ئايدا، مېۋىچىلىك گۇرۇھى «ئاق ئۆرۈك»نى چۆرىدەپ يۈنجى تورى بىلەن بىرلىشىپ 2- نۆۋەتلىك «بەخت ئۆرۈكى ئىشىكنى چەكتى» ئالاقە تورىدا سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ 7- ئايدا «يېڭىسار ئۆرۈكى»نى چۆرىدەپ «ھەر كۈنى بىر سېتىۋېلىش» تورى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى ساياھىتى سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ 8- ئايدا «ئىلى ئۆرۈكى»نى چۆرىدەپ، جىڭدۇڭ بىلەن توردا سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سىجىل سېتىش ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئۆرۈك كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «بەخت ئۆرۈكى كەسپى»گە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، نۆۋەتتە تېرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى قىسقا، توشۇش ئارىلىقى ئۇزۇن بولۇشتەك تەسىرلەر تۈپەيلىدىن، ئەنئەنىۋى سېتىش ئەندىزىسىدە شىنجاڭ ئۆرۈكىنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە كۆلىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانىدى.

  2018- يىلى مېۋىچىلىك گۇرۇھى يېڭىسار سەمەت ئۆرۈكىنى ئۈلگە قىلىپ، يېڭى ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش - قاچىلاش، سېتىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ، ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆرۈكنىڭ يېڭى پېتى شىنجاڭدىن چىقىرىلىشىغا كۈچ قوشۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تاراتقۇ، ئۆز تاراتقۇ قاتارلىق يېڭىچە تارقىتىش شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، «كۈن نۇرىنى ئىككى سائەت ئارتۇق چۈشۈرۈش، تاتلىقلىقىنى%30 ئاشۇرۇش»تەك سېتىش نۇقتىسىنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئۆرۈك داڭلىق ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇردى ھەم شىنجاڭنىڭ يېڭى ئۆرۈك باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

  جەي كەييۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يېڭى ئۆرۈك ئۆرۈك سېتىش سوممىسىنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا ئىگىلەيتتى، كەلگۈسىدە يېڭى ئۆرۈك ماركىسى ۋە مەنبەنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇپ، مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تور سىرتىدىكى «گوشۇ» مەھەللە دۇكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ماركا+مەھەللە+يېڭى پارچە سېتىش+تور ئىچى مۇكەممەل يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ئۆرۈكنىڭ كۆلەم، ۋاقىت ۋە توشۇش ئارىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت يوللىرىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى