تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنى ھالقىغان تۇنجى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى يولغا قويۇلدى

شەرقىي تىيانشان ساياھەتچىلىك ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

شىنجاڭدىكى ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنى ھالقىغان تۇنجى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى يولغا قويۇلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، شەرقىي تىيانشان ساياھەتچىلىك ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەت ھەمكارلىق تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئورتاق ئورنىتىپ، ساياھەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت بازارلىرىنى ئېچىپ، ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاست ساياھەت يولىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. شەرقىي تىيانشان ساياھەتچىلىك ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنى ھالقىغان تۇنجى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى ــــ «شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  «شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى» ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت، ئادىمىيەت سەيلىسىنى ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل مۇساپىسى 2000 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، يول بويى تىيانشان بوغدا كۆلى، گۇچۇڭ جامبۇلاق، تۇرپان بۇيلۇق، قومۇل شەرقىي تىيانشان، قومۇل يارداڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ئېسىل مەنزىرە رايونىنى، قۇملۇق، ئوتلاق، كۆل ھەمدە تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساياھەت بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت خاس مەنزىرە ساياھىتىنىڭ ئالتۇن يولىدۇر.

  شەرقىي تىيانشان ساياھەتچىلىك ئىتتىپاقى ھەر يىلى بىر نۆۋەتچى شەھەر تەسىس قىلىپ، ئۇنى شەرقىي تىيانشان ساياھەت بازىرىنى ئېچىشنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ، ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنىڭ ئوخشاش بولمىغان پەسىل خاراكتېرلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى قازىدۇ، ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنىڭ ساياھەتنى كېڭەيتىش يىرىك پىلانىنى لايىھەلەيدۇ. قومۇل شەھىرى بۇ ئىتتىپاق قۇرۇلغان تۇنجى يىلىدىكى نۆۋەتچى شەھەر. «بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاست رايون ھەمكارلىشىشى، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ماركېتىڭنى بىرىكتۈرۈش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بازار ئېچىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، ساياھەت بوشلۇقى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئەندىزىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ»، دېدى قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ خەييەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ما رۇي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاست ئوبرازنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بەلگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، لىنىيەنى ئوخشاش قىلىش، تەشۋىقاتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىياتنى زورايتىشى كېرەك؛ نۇرغۇن كەسىپ ھالىتى، كۆپ خىللاشقان شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىنى بىرتۇتاش لايىھەلەپ، كۆپ يوللۇق، كۆپ خىللاشقان تەشۋىقات ماركېتىڭ پائالىيەتلىرىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، «شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى»نى خەلقئارادا تونۇلغان ساياھەت كۇرسلۇق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى، شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايون(نۇقتا)لىرى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت جەمئىيىتى، تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار ۋە ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ، قول تۇتۇشۇپ «شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى» مەھسۇلاتىنى ئاچىدۇ ۋە تونۇشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستتىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ئائىلە ئاپتوموبىلى كۇلۇبلىرى، ئۆي ئاپتوموبىل كۇلۇبلىرى كەينى - كەينىدىن تور ئىچى - سىرتىدا «شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى»نى چۆرىدەپ ئاچقان مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ.

  «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز <شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى> مەھسۇلاتىنىڭ بايلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈنلەي يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويىمىز» دېدى ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بازار سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ رۇڭخەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى