تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

قازاق چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىش

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار چارۋىلارنى ھەيدەپ يازلىق يايلاققا كۆچمەكتە ( 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي تارتقان

  ھازىر، شىنجاڭدىكى كۆپ جايدا يازلىق يايلاقلارنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قازاق چارۋىچىلار يەنە يايلاق كۆچۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار كالا، قويلىرىنى ھەيدەپ، سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ، ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدىكى چارۋا يوللىرىدا يۈرۈپ، كۆچۈش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

  يايلاق كۆچكەندە چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ئاتقا مىنىپ چارۋىلارنى ھەيدەپ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ، تۆگە ياكى ئاتلارغا بارلىق ئۆي بىساتلىرىنى ئارتىپ، قەيەرگە بارسا، كەچتە شۇ يەردە قونىدۇ. ئەنئەنىۋى يايلاق كۆچۈش شەكلى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەزى چارۋىچىلار ئاپتوموبىل كىرا قىلىپ ئۆيىدىكى چوڭ بۇيۇملارنى مەنزىلگە ئالدىن توشۇپ، يايلاق كۆچۈش سەپىرىدە پەقەت يېمەكلىك ۋە ئاددىي كىگىز ئۆينىلا تەييارلاپ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىدىغان بولدى...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش