يۆ يەنيۈن
بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ<گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) گېزىت، يانفون تېرمىنالى، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، توختىماستىن ئىللىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، سانسىز ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلاردىن ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئاق كۆڭۈللۈككە ئىنتىلىدىغان غايەت زور ئەخلاق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. ياخشى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئىللىق خەۋەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەپسىلىي، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى.
ئىللىق خەۋەرنىڭ كىشىلەرگە ئىللىقلىق، ئۈمىد ۋە جاسارەت ئاتا قىلالىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ كىشى قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك جايلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدە. دوستانىلىق پۇقرالار ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ قۇياش نۇرى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى سىلىقلىغۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىزنىڭ ئىللىق خەۋەرگە دىققەت قىلغان ۋاقتىمىز دەل قەلبىمىز قىممەت يېتەكچىلىكىگە موھتاج بولغان ۋاقىتتۇر، ئىللىق خەۋەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىللىق شەخس بولۇشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمىز دەل بىزنىڭ مۇھەببەتنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قىممەت تاللىشىنى تاللىغان ۋاقتىمىزدۇر، بۇ ھەم ئاكتىپ كۈچنىڭ تارقىتىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاكتىپ كۈچنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدۇر.
بىز ھەربىر ئىللىق خەۋەرنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مېھرىبانلىقنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشىغا تەقەززامىز.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)