تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باغچە رايونلار كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى

1- پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 25 نۇقتىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈلىدىغان باغچە رايون سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 113 مىليارد يۈەن ئورۇندىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) قاتارلىق ھەرقايسى باغچە رايونلار «تۈرلەرنى تۇتۇش، مۇھىت بەرپا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، باغچە رايونلارنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، باغچە رايونلارنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، باغچە رايون ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. 1- پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 25 نۇقتىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈلىدىغان باغچە رايون ئورۇندىغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 113 مىليارد 80 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 34 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ساۋەن سانائەت باغچە رايونى، كۈيتۈن - مايتاغ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، غۇلجا شەرقىي سانائەت باغچە رايونى، كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15تىن يۇقىرى بولغان.

  «بۇ يىل، بىز نۇقتىلىق باغچە رايونلار، نۇقتىلىق كەسىپلەر، نۇقتىلىق تۈرلەرنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق سېلىنمىنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى باغچە رايون باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز باغچە رايونلارنىڭ يۇمشاق، قاتتىق مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  1- پەسىلدە نۇقتىلىق باغچە رايونلاردا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا، ئىش باشلاش پىلانلانغان كەسىپلەر تۈرىدىن 64ى ئەمەلىيلەشتى، شىنجاڭ كەيۋو يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ تيەنتيې ئوقەتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغان كۆپ تۈر ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى؛ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 14 بولۇپ، بۇ يىل 11 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى؛ شېنجېن شەھىرى جۇڭتيەنرېن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش تۈرى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى، 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا 3 مىليون دانە يان تېلېفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئىشلەپچىقىرىش ھەم 3 مىليون دانە زاپچاس ۋە يۈرۈشلۈك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى پىلانلىدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ سانائەت باغچە رايونىدىكى يېمەكلىك كەسىپلىرى رايونى 11 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 8 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ كۈيتۈن - مايتاغ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دىققەتنى كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك نازۇك خىمىيە سانائىتى كەسپى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت، ساياھەت كىچىك بازىرى قاتارلىق ئالتە چوڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بېكىتتى.

  كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، كەسپىي كۆرگەزمە، ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، باغچە رايونلار ۋە كارخانىلارنى شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشقا يېتەكلەش قاتارلىق يوللار بىلەن كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزىرىشى ۋە يۈرۈشلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك باغچە رايون 92گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى 23 ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى