تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا دېھقانلار ئارامگاھلىرى، چارۋىچىلار ئارامگاھلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، جەزىرە نىسىبېك، جاڭ تىڭ

  قورۇنى بىر ئالغان گۈللەر شامالدا لەرزان يەلپۈنەتتى، دېھقان ھويلىلىرى ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى... دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقانلار ئارامگاھلىرى، چارۋىچىلار ئارامگاھلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولۇشتەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسىنىڭ دەريا جىلغىسى ئىككىلەمچى ئورمان پىيادە مېڭىش يولى مەنزىرە رايونىدا، ياغاچ ياتقۇزۇلغان پىيادە مېڭىش يولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىن يىراقلارغا سوزۇلغان بولۇپ، يول بويىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ۋە گىرەلەشتۈرۈلۈپ رەتلىك سېلىنغان شىپاڭ، راۋاقلار كىشىگە ئازادىلىك بەخش ئېتەتتى.

  داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسى ۋېزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما شياڭچىننىڭ دېھقانلار ئارامگاھى مەنزىرە رايونىغا يېقىن جايدا ئىدى. 6- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەردە، ئۇ ئىككى زاكاز تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ، ئالدىراش ھالدا چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلدى. «يازدىكى بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەنزىرە رايونىغا كېلىپ پىيادە ماڭىدىغانلار، سەيلە قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، ئاندىن كۆپچىلىك ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىدۇ، بىز ئالدىن ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.» ما شياڭچىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ۋېزى كەنتىدە مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان دېھقان ئائىلىسىدىن 20 نەچچىسى بار، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  «دېھقانلار ئارامگاھىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك، مەن يىل ئاخىرىدا بۇ يەرنى قايتا بېزەشنى پىلانلاۋاتىمەن، كېلەر يىلى بۇ يەرگە كەلسىڭىز، بۇ يەر تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى ما شياڭچىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  6- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەردە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى ئارشاڭ كەنتىدىكى ئۇلسۇنجان دوسپارقان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا جياڭسۇلۇق ساياھەتچى شۈ مېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن ئويغاندى، ئۇلار يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلسۇنجان ئۇلارغا مول ناشتىلىق تەييارلاپ بەردى.

  نان، قايماق، ھەسەل، ئەتكەنچاي قاتارلىق ئېسىل نازۇنېمەتلەر شىرەگە لىق تىزىلغانىدى. «قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلاپ، ئوت - چۆپلەرنىڭ ھىدىنى پۇراپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدۇق، بۇ يەردە ئارام ئېلىپ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق» دېدى شۈ مېڭ خۇشال ھالدا.

  ئارشاڭ كەنتى نارات مەنزىرە رايونىغا قوشنا بولۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ يەردىكى 30 نەچچە پۇقراۋى قونالغۇ ساياھەتچىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى، ئۇلسۇنجان خۇشاللىقىدىن ئېغىزىنى يۇمالماي قالغانىدى: «تۈنۈگۈن ياتاق ھەققىدىنلا 2000 يۈەن كىرىم قىلدىم».

  2018- يىلى، يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئارشاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى تەشكىللەپ، ئارشاڭ پۇقراۋى قونالغۇ مۇلازىمەت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم، بىرلىككە كەلگەن باھانى يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى پۇقراۋى قونالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك ساھەسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى. بۇ يىل 3- ئايدا، خىزمەت ئەترىتى يەنە 30 نەچچە كوپىراتىپ ئەزاسىنى جياڭسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تىجارەت ئېڭىنى ئۆستۈردى.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىنىڭ كۆلباي يېزىسى نالې كەنتىدىكى چارۋىچىلار ئارامگاھى ئوخشاشلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

  نالې كەنتى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئاق قېيىن ئورمانلىقى بىلەن تۇتاشقان. 6- ئاينىڭ 8- كۈنى، نالې كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى باقىتبېك تولېۋنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھى جەمئىي 50كە يېقىن ئادەمنى كۈتۈۋېلىپ، 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

  2018- يىلى، قابا ناھىيەلىك سودا، پەن - تېخنىكا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نالې كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنىڭ مەنزىرە رايونى لىنىيەسىگە جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، كەنتكە تۇتىشىدىغان 6.7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاسفالت يولنى يېڭىدىن ياساپلا قالماي، يەنە 14 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىشىغا مەدەت بەردى، ياردەم بەردى.

  «ساياھەتچىلەر ئاق قېيىن ئورمانلىق باغچىسىنى سەيلە قىلىپ قايتىپ كەلگەندە، بىزنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھىمىزدا تاماق يەپ ئارام ئالىدۇ، ئۇلار ئاق قېيىن ئورمانلىقىنىڭ مەنزىرىسى ۋە بىزنىڭ مەززىلىك تائاملىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كەنتىمىزدىكى چارۋىچىلار ئارامگاھلىرىنىڭ تىجارىتى قەۋەتلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى باقىتبېك خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى