تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ساينت پېتېربۇرگدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ساينت پېتېربۇرگ، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ۋېي جيەنخۇا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ساينت پېتېربۇرگدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  پۇتىن شى جىنپىڭنى كېمىگە ئولتۇرۇپ نېۋا دەرياسىنى بىللە سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇرتىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم شى جىنپىڭغا ساينت پېتېربۇرگنىڭ مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە يول بويىدىكى ئىمارەتلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ يۇرتى ساينت پېتېربۇرگدا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيەت - سەنئەت كەيپىياتى قويۇق ئىكەن. بۇ مەدەنىي مۇنبەت تۇپراقتا ئىلگىرى نۇرغۇن مۇھىم، زور تارىخىي ۋەقەلەر يۈزبەرگەن، زور بىر تۈركۈم داڭلىق شەخسلەر مەيدانغا كېلىپ يېتىشىپ چىققان، بولۇپمۇ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان، رۇسىيە ۋە رۇسىيە خەلقىنىڭ پەخرى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن بىرلىكتە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى زەمبىرەك ئوقىنى ئاتقان ئاۋرورا ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتقا چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك تارىخىي چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋرورا ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەينى يىللاردا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى زەمبىرەك ئاۋازى ياڭراپ جۇڭگوغا ماركسىزمنى ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنىڭدىن كېيىن، دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. رۇسىيە تەرەپ ئاۋرورا ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنى مۇكەممەل، ياخشى ساقلاپتۇ، بۇنىڭدىن تارىخقا بولغان ھۆرمەت نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. پۇتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تارىخ ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك دەپ تەكىتلىدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىر تەرەپتىن، قىرغاقتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. پۇتىن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ رۇسىيەگە ھەم ساينت پېتېربۇرگقا كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىشلىق سارايغا كېلىپ داۋاملىق ئۇزاق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەم مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتەك مۇھىم تارىخىي باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، بۇ يالغۇز جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈنلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي خەلقئارا مىزان ۋە خەلقئارا ئەخلاق، ھەققانىيەتنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

  پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغانسېرى، رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى شۇنچە مۇستەھكەملىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.