تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ساينت پېتېربۇرگ، 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لۈ چۈەنجۇڭ، خاۋ فاڭجيا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 7- كۈنى ساينت پېتېربۇرگدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى ۋەزنى ئەڭ ئېغىر، نەتىجىسى ئەڭ كۆپ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ ساھە. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا ئېنېرگىيە تەرتىپىنى قوغداشتا پائال رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، كارخانا سۇبيېكتى، سودا پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى ئىزدەش كېرەك. ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، سودا مۇمكىنچىلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، كېڭىشىپ - كېلىشىشنى كۈچەيتىشى، ھەمكارلىشىش يۆنىلىشىنى توغرا تېپىشى، ھەمكارلىق ھەمراھىنى ياخشى تېپىشى، ھەمكارلىشىش تۈرىنى توغرا تېپىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە سۇغۇرتىسى ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا قوللاشنى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئۆلچىمى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ئۆلچىمىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە يېتەكلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاقىللار ئامبىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە بىر گەۋدىلىشىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. تۆتىنچى، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىۋى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايمەن. ئىشىنىمەنكى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىدە، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى چوقۇم سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىپ تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتالايدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىنى مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر ئورتاق قارار قىلىپ قۇرغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى رۇسىيە - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز ساھەگە ئايلاندى، بۇ ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق. رۇسىيە - جۇڭگو ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، سودا، تېخنىكا تەتقىق قىلىش - ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، مۇھىم نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى قەرەلىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. رۇسىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى زورايتىشىنى قارشى ئالىدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى ياخشى بازار مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى