تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرايلى    گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى

___ 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلىنغان تەبرىك سۆز

(2019- يىل 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، ساينت پېتېربۇرگ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ پۇتىن،

  ھۆرمەتلىك ھەرقايسى خىزمەتداشلار، مېھمانلار،

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. پۇتىن زۇڭتۇڭ ۋە رۇسىيە تەرەپ دوستلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  ساينت پېتېربۇرگ رۇسىيەدىكى بىرىنچى چوڭ پورت، شۇنداقلا دۇنياغا تونۇلغان داڭلىق «بالتىق دېڭىزى مەرۋايىتى». 300 نەچچە يىللىق تارىخ جۇغلانمىسى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تېز تەرەققىيات بۇ شەھەرگە ئېلىپ كەلگەن قويۇق كىلاسسىك تۈس ۋە روشەن دەۋر قىياپىتى كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىلگىرى ئورۇنلىغان بىر رۇسىيە ناخشىسىدىكى «نېۋا دەرياسى بويىدا بىر شەھەر بار، ئۇ بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنىڭ جەۋھىرى» دېگەن مىسرالار ساينت پېتېربۇرگنىڭ رۇسىيە خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى 1997- يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئۆسۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ھازىرقى خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ماس كېلىدۇ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدا كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى مىسلىسىز، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى ۋە كەسكىن رىقابەت مىسلىسىز بولماقتا، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ ماس كەلمەسلىكى، سىممېترىك بولماسلىقىمۇ مىسلىسىز بولماقتا.

  ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە قارىتا، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ توغرا تاللىشى. دۇنياغا نەزەر سالساق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتنى ماسلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق باشلىنىش نۇقتىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۈگۈنكى ئىنسانلار ۋە ئەۋلادلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ئىستىقبال سۈرەتلەپ بېرىلدى.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋەدىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ، دۇنيا ئەھلى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

  جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2013- يىلى مەن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن نىشان، پىرىنسىپ، يولغا قويۇش يولى جەھەتتە يۈكسەك ماسلاشقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل 4- ئايدا، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر شارىۋى ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك بولغان ھەمراھلاردىن ئايرىلالمايدۇ. رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى، شۇنداقلا ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم، ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھى. ئىككى تەرەپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، تور ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى يېڭى ھەمكارلىقتىكى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، چېگرا ھالقىغان بايلىقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، چېگرا ھالقىغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

  مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش زۇڭتۇڭ پۇتىن تەشەببۇس قىلغان «چوڭ ياۋروپا - ئاسىيا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» ئىدىيەسى بىلەن تۇتاشقان، ئىككى چوڭ تەشەببۇس ئۆزئارا بىر - بىرىنى قوللايدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە پەن - تېخنىكىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى بولۇپ، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپىگە ماس كېلىدۇ. جۇڭگولۇقلار «ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ بارالمايدىغان مەنزىل يوق» دەيدۇ. ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تەنتەنىلىك ۋەدىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېپيېڭى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

  بىرىنچى، بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىدۇ. بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تەكشى بولماسلىق، باراۋەر بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەيمىز، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندى، جۇڭگو - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى قاتارلىقلارنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن 5G تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، بىز ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان سىغدۇرۇشچان بەختلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باش ۋەزىپىسى. بۇ يىل، جۇڭگو نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، 2020- يىلى يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئاجىزلار توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە نامراتلارنى ئازايتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تېمىلاردا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشنى خالايمىز.

  ئۈچىنچى، بىز يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق، بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك. رۇسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى دوستويېۋىسكىنىڭ «گۈزەللىك دۇنيانى قۇتقۇزالايدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. ئەۋلادلىرىمىزغا سۈيى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك بولغان گۈزەل دۇنيانى قالدۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەرگىز مۇھىتنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلمايدۇ. بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىقنى تېجەپ تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىش ۋە تەكرار ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىز يەنە تاشقى ھەمكارلىق جەھەتتە مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق تەخىرسىز مەسىلىلەرگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى» قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلىنىشلىق بولمىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر يۇغۇرۇلمىغان، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارىۋىلىشىشقا تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش ۋە زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن يېڭى تېما، يېڭى خىرىسلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھازىرقى يەر شارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ»، ئۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا يېقىن كېلىدۇ، ئىدىيە جەھەتتە ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەممىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ، پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارى كەنتىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ، خاتىرجەم بولۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆپچىلىككە رەھمەت.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ساينت پېتېربۇرگ، 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.