تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى

220 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھەرقايسى ئىمتىھان رايونلىرىدىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۆيى، ئىمتىھان نۇقتىسى ھەم ئىمتىھان مەيدانىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈردى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ئاپتونوم رايون مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار كىرىزىس ئېڭى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا قايتا رەتلەش، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا مۇستەھكەملەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان قەغىزى، ئىمتىھان مەيدانى ۋە مەكتەپ قورۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكى، مەخپىيلىكىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىدە يوچۇق قالدۇرماسلىق، چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، شايكا تەشكىللەپ كۆز بويامچىلىق قىلىش، ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن - تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق ئېغىر كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك؛ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىمتىھاننى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىللىق، ئىناق ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايوندىن جەمئىي 220 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، جەمئىي 76 ئىمتىھان رايونى، 210 ئىمتىھان نۇقتىسى، 8522 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 19 شەھەر، 57 ناھىيەگە تارقالغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەرلىك خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە ئەزا ئورۇنلارنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ۋە ھەرقايسى ئىمتىھان رايونلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇردى، ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈردى، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىمتىھان مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى سەمىمىيەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» «ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» «سەمىمىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى بارلىققا كەلتۈردى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانىغا ئالدىن كىرىش، ئايرىم ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىپ بېرىش، بارماق تىلى تەرجىمانى سەپلەپ بېرىش قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى