تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت 93كە يەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا 3- تۈركۈمدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېشىل زاۋۇتتىن يەنە 34ى كۆپەيگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت 93كە يەتكەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار تىپقا ئايلانغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن يېشىل زاۋۇت جەمئىي 34كە يەتكەن، جۇڭگو سانائەت ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش جەمئىيىتىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى يېشىل زاۋۇتلارنىڭ سانى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر ئىچىدە باش ئورۇنغا ئۆتكەن، يېشىل زاۋۇتلارنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.

  شىنجاڭ بەيچېڭ شيەنشى تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىم تاللانغان يېشىل زاۋۇتلارنىڭ بىرى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ يەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركىتىمىز يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سۈپەت ئۆلچەش تەجرىبىخانىسى، ئاپتوماتلاشقان پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە يېشىل زەنجىرسىمان ئامباردا سوغۇق ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئېچىش، لايىھەلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېشىل زاۋۇتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بۇنىڭدىن كېيىن شىركىتىمىز تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 3- تۈركۈمدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى تىزىملىكىدە، 34 يېشىل زاۋۇتتىن باشقا، يەنە ئىككى يېشىل باغچە رايونى، ئىككى يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسى، ئون يېشىل لايىھەلەش مەھسۇلاتى بار ئىكەن. بۇ قېتىم تاللانغان 3- تۈركۈمدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئالدى بىلەن مۇكاپاتلايدىكەن ۋە قوللايدىكەن؛ يېشىل زاۋۇت، يېشىل باغچە رايونى، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېشىل تەرەققىيات نۇقتىلىق كىرېدىت تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئالدىن قوللايدىكەن؛ دۆلەتنىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەملەشتۈرۈش بىلەن يېڭى ئەندىزە قوللىنىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا تەۋسىيە قىلىدىكەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون يېشىل زاۋۇت قۇرۇش، يېشىل باغچە رايونى قۇرۇش، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش، يېشىل مەھسۇلات يارىتىشقا ئىزچىل تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېشىل لايىھە، يېشىل تېخنىكا ۋە ھۈنەر - سەنئەت، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل باشقۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈپ، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان سانائەت يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل ياسىمىچىلىق ئىلغار تىپلىرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۈلگىلىك كارخانىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل بولۇشنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يارقىن ئاساسىي رەڭگە ئايلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى