تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ چاڭ، لى جىخۈي) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى موسكۋادا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ساقلاندى، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسى، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇننى قېزىپ چىقتى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان بەزى ناتوغرا قىلمىشلارغا قارىتا، جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش بىز ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداشتا ئەھمىيىتى مۇھىم ۋە زور.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو - رۇسىيە لايىھەسى»نى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  مېدۋېدېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۈنۈگۈن بايانات ئىمزالاپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ھازىر، ئايرىم دۆلەتلەر ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرنى جازالاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىنى بېسىۋاتىدۇ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ قويدى، خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. رۇسىيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ رۇسىيە - جۇڭگو ھەم خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى، جۈملىدىن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.