تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

جىڭ ناھىيەسى: ئېلېكترونلۇق سودا ئاممىنى بېيىش يولىغا باشلىدى

ئۆز خەۋرىمىز: توردا كەنت ئاھالىلىرىغا ياردەملىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىش، تور سودىسى تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس بېرىش، مەھسۇلات ئورالمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، تور دۇكىنىنىڭ بەت يۈزىنى يېڭىلاش... 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھوسۇل ئالىدىغانغا تېخى بالدۇر بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى بېيدىدۇڭ كەنتى ئاھالىسى جاڭ ۋېي ئالدىراش ئىدى. «بۇلتۇرقى ‹قوش ئون بىر›دا تاۋباۋ دۇكىنىمنىڭ سېتىش سوممىسى 190 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ھازىر ھەرخىل مېۋىلەر ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تور دۇكىنىمنىڭ تور بېتىنى ياخشى ئاسراپ، مەھسۇلاتنى تۈرگە ئايرىشنى ئىنچىكلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ تالىشىغا قولايلىق يارىتىشىم كېرەك» دېدى جاڭ ۋېي.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ «ئالقات يۇرتى» دەيدىغان نامى بار، ئەمما مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغان ئالقاتنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇق مېۋە بولۇپ، ئاساسەن ھېچكىم ھۆل مېۋە سېتىپ باقمىغان ئىدى. 2015-يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقان جاڭ ۋېي يۇرتىدىن چىقىدىغان ئالىي سورتلۇق ئالقاتنىڭ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، تۇنجى «قىسقۇچپاقا يىگەن» ئادەم بولۇشنى ئويلاپ، توردا ھۆل ئالقات ساتتى.

2016-يىلنىڭ يىل بېشىدا، جىڭ ناھىيەسى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بېيدىدۇڭ كەنتنىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، جاڭ ۋېي ئېلېكترونلۇق سودا تەربىيەلەش سىنىپىغا قاتنىشىپ، قانداق قىلغاندا توردا ھۆل ئالقات ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەندى، ھەمدە تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كىلىشىمى ئىمزالاپ، توشۇش ئارىلىقى يىراق، تەننەرخى يۇقىرى بولۇش قىيىن مەسلىسىنى ھەل قىلدى.

«ئويلىمىغان يەردىن ھۆل ئالقاتنىڭ بازىرى بەكمۇ ياخشى بولدى، مەسلىھەت سورايدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيدى، زاكاسمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاشتى، قۇرۇق ئالقاتنىڭ ھەر بىر كىلوگىرامى 30 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ، ھۆل ئالقاتنىڭ ھەر بىر كىلوگىرامى ئاز دېگەندە 200 يۈەنگە سېتىلدى، پايدىسى نەچچە ھەسسە ئاشتى» دېدى جاڭ ۋېي.

تور سودىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، جاڭ ۋېي تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئالقات، قارا ئالقات، سۈەنمېي، قارا ئۆرۈك قاتارلىق يۇرتنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول»غا ئەكىرمەكچە بولدى. جاڭ ۋېينىڭ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا كېپىل بولۇپ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، جىڭ ناھىيەلىك جىخۇيخاۋ ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلدى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، جاڭ ۋېينىڭ تور ئاستى سىناپ كۆرۈش دۇكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىڭ ناھىيەسى جىخۇي ئەشيا ئوبورتى ئېلېكترونلۇق سودا سانائەت باغچە رايونىغا ماكانلاشتى، «جىخۇيخاۋ» مەھسۇلاتىمۇ كۆپلەپ ھەر قايسى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسىدە نامايان بولدى.

سۈپەتنى تۈرگە ئايرىپ باھا بېكىتىش، كۆپ خىل يول ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشۋىقاتى، سېتىش ئۇسۇلى جانلىق بولۇشنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، شىركەتنىڭ زاكاز مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بېيدىدۇڭ كەنتى «پارتىيە ياچېيكىسى + شىركەت + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئېلېكترونلۇق سودا تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. جاڭ ۋېي كەنتتىكى 50 ئائىلىلىك ئالقات تېرىغان دېھقان بىلەن تەمىنات - سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ ، سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن ئالقاتنى تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىپ، ھەم دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى، ئالقاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم مال مەنبەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئارىلىقتىكى ئوبوروت ھالقىسىنى بىكار قىلىپ، ئالقاتنى ئېتىز بېشىدىن خېرىدارلارنىڭ قولىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تەسىر كۈچىمۇ بارغانسېرى زورايدى. 2018-يىلى، جاڭ ۋېينىڭ جىخۇيخاۋ ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېتىش سوممىسى 1 مىليون 80 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 17 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنىپ، 79 ئادەمنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ھازىر، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن بۇ يىگىت، يەنە تېخى جىڭ ناھىيەسى ئېلېكترونلۇق سودا تىجارەت مەركىزىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا لېكتورىغا ئايلىنىپ، ئېلېكترونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيەلەپ، ئالاقە تورى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا يېتەكلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى