تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

زادى قانچە سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق؟

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە لوندون داشۆسى شۆيۈەنى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئاز توققۇز سائەتتىن كۆپ بولسا ئەستە تۇتۇش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق بىلىش ئىپادىلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  بۇ مەكتەپ كوللېكتىپى 400 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن بىلىش ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقماقچى بولغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، كۈندە يەتتە سائەتتىن ئاز ئۇخلايدىغانلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئەستە ساقلاش سىنىقىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈش قېتىم سانى %5 ئاشقان، ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش قېتىم سانى %9 ئاشقان. ئالاقىدار نەتىجە ئەنگلىيە « خەلقئارا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى » دا ئېلان قىلىنغان. دوكلات ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، دوكتور ۋىكتورىيە گافېلد مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ ساندىكى ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە بولسا بولىدۇ.

  بىراق، تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېدى: ئۇيقۇ ۋاقتى بىلەن بىلىش ئىپادىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، نۆۋەتتە ئالدىنقىسىنىڭ ئالجېيمېر كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپ - خەتىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات ئانچە كۆپ ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش