ماتېرىيال سۈرەت: تۇ يوۋيوۋ
فوربېس 5-ئاينىڭ 31- كۈنى تۇنجى قېتىم «جۇڭگو پەن – تېخنىكىسى ئاياللار تىزىملىكى» نى ئېلان قىلدى، جۇڭگو جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭيى دورىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەتقىقاتچىسى، باش تەتقىقاتچى تۇ يوۋيوۋ، خۇاۋېي خەيسىنىڭ لېدىرى خې تىڭبو، ئالما شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ۋە دا جۇڭخۇا رايونىنىڭ باش دىرېكتورى گې يۆ، شىنلاڭ تورىنىڭ لېدىرى دۇ خۇڭ، دى دى سەپەرگە چىقىش دېتالىنىڭ باش لېدىرى ليۇ چىڭ قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئايال تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. فوربېس جۇڭگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىزىملىك پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى 50 مۇنەۋۋەر ئايالنىڭ رەت تەرتىپى يوق باھالاشتۇر. ئۇلار كارخانا قۇرغۇچىسى، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى، بىرىنچى سەپتىكى تەتقىقات ئىنژېنېرى ياكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاۋانگارتلىرىدۇر.