تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى ئوماق تۈلكىلەر

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر يەن يۇۋسەي خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن) ئۇلار ئۇچىسىغا قىزىل «چاپان» كىيۋالغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، زېرەك بىر جۈپ كۆزى ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۈزىتىپ تۇراتتى، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك تاشلاپ بەرگىنىنى بايقىغاندا، ھوشيارلىق بىلەن ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈپ، يېمەكلىكنى چىشلەپ ئېلىپلا قاچاتتى...يېقىندا، بىر توپ ئوماق تۈلكە كۈچۈكلىرى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا پەيدا بولدى، فوتوگراف يەن يۇۋسەي ئۇلارنى كۆرۈپ دەرھال ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقان، يېمەكلىك يەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

  «جەمئىي 15-16 تۈلكە بار ئىكەن، قارىماققا بىر نەچچە چوڭ تۈلكە كۈچۈكلىرىنى ئېلىپ يېمەكلىك تېپىشقا چىققاندەك قىلىدۇ، لېكىن چوڭ تۈلكىلەر بەك ھۇشيار بولغاچقا، كىشىلەرنى بايقاپ قالسا يۈگۈرۈپ ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، تۈلكە كۈچۈكلىرى ياتلاردىن قورقمايدىغاندەك قىلىدۇ، يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ يۈرىدۇ» دېدى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە تارتىۋاتقان فوتوگراف يەن يۇۋسەي.

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 5لەر ئەتراپىدا، يەن يۇۋسەي تۈلكە كۈچۈكلىرىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن، يېمەكلىك ئېلىپ ئالايىتەن مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى بۇرۇن تۈلكە پەيدا بولغان جايغا كېلىپ، بۇ بىر توپ شاكىچىكلەرنى «سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇش» پۇرسىتى چىقىپ قېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلدى. شۇ كۈنى، ئۇ ئەمدىلا يېتىپ كېلىشىگە، ياغاچ كۆۋرۈك ئەتراپىدا نەچچە توپ تۈلكە پەيدا بولدى، جەمئىي 15-16 تۈلكە بار ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ-تۆتى چوڭ تۈلكە بولۇپ، قالغانلىرى تۈلكە كۈچۈكلىرى ئىدى.

  «چوڭ تۈلكىلەر ئادەمنى كۆرۈپ قالسىلا قېچىپ كېتىدۇ، بىراق كىچىكلىرى جايىدا تۇرۇپ يىراقتىن كۈزىتىدۇ، خەتەر يوقلۇقىنى ھېس قىلغاندا، يۈرەكلىك ھالدا ياغاچ كۆۋرۈك ئۈستىگە چىقىپ يۈگۈرۈپ تاقلاپ ئوينايدۇ» دېدى يەن يۇۋسەي، تۈلكە كۈندۈزى سىرتقا چىقمايدۇ، ئادەتتە تاڭ سەھەر 5-6لەردە ۋە قۇياش پاتقاندا كۆپرەك پائالىيەت قىلىدۇ، شۇ كۈنى، شاكىچىكلەرنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن، ئۇ ئالاھىتەن تۈلكىلەرگە «ناشتىلىق» تەييارلىدى، تۈلكە كۈچۈكلىرى ئادەملەرنىڭ يىمەكلىك تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن ھامان دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، چىشلەپ ئېلىپ باشقا بىر تەرەپكە بېرىپ ئۇ نازۇ-نىمەتلەردىن ھۇزۇرلىناتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى قوغداپ باشقۇرۇش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلغان. نىزامدا گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇۋ بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، خەنشۇلې قەدىمىي شەھىرى، ۋەنمۇ خەنتىيەن، تىيانشان گۇەيپو، خۇاخەيزى، داشياگۇ، خېيلاۋبا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار مەنزىرە رايوننىڭ دائىرىسى قىلىپ بېكىتىلگەن، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەنزىرە رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. 

  گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار مەنزىرە رايونىدىكى تۇنجى تۈلكنى بايقىغاندىن كېيىن، دائىم تۈلكە كۆپ پەيدا بولىدىغان ئورۇنغا يېمەكلىك قويۇپ قويغان، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ قويغان يېمەكلىكنىڭ يېيىلىپ بولغانلىقىنى بايقىغان، مەنزىرە رايونىدا تۈلكە كۈچۈكىدىن باشقا، كۆلدە يەنە ياۋا ئۆردەك قاتارلىق ياۋايى قۇشلارمۇ بايقالغان. مەنزىرە رايونىدا ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە دائىم پەيدا بولۇشىنى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھايۋاناتلارنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار قەرەلسىز باشقۇرۇش، قوغداش، چارلاش، تەشۋىقات تاختىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە ئاھالىلەرنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرگەن.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم مەنزىرە رايونلىرىدا، باغچىلاردا  ياۋايى ھايۋاناتلار دائىم پەيدا بولدى

  تاغ ئۆچكىسى (ما مىڭ فوتوسى)

  سېرىق چاشقان (ما مىڭ فوتوسى)

  تىيانشان قارىغۇ ئېيىقى (قارا قارىغۇ ئېيىق دەپمۇ ئاتىلىدىكەن) (ما مىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈلكە شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنزىرە رايونلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى: 2018-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا تۈلكە كۈچۈكلىرى پەيدا بولغان؛ 2018-يىل 6-ئايدا، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، تۈلكە كۈچۈكىنىڭ تىلىنى چىقارغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئوماق. 

  تۈلكىدىن باشقا، 2018-يىلى 10-ئايدا، قاناس مەنزىرە رايونىدا ياۋا بۆرە پەيدا بولغان، ھەر قېتىم كۆچۈش مەزگىلىگە كىرگەندە، مىڭلىغان پەسىل قۇشلىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «ئارام ئېلىپ» ماكانلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ماكاندىكى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. بارغانسېرى نۇرغۇن ياۋايى ھايۋاناتلار مەنزىرە رايونلىرىدا پەيدا بولۇپ ئادەملەر بىلەن ئىناق ئۆتمەكتە.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دائىم پەيدا بولۇشى، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  «دالىدا تەكشۈرۈش قىلغاندا، بىز دائىم بىر قىسىم ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئۇچرىتىمىز، مەسىلەن،كىچىك تۈلكە، تاغ ئۆچكىسى، بۆرە، ئۇلار دىگەندەك، بۇمۇ شىنجاڭنىڭ ئېكئولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.» دېدى ما مىڭ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمانلىقنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، ئىكولوگىيەلىك  مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى بۇ ياۋايى ھايۋاناتلار سانىنىڭ ۋە تۈرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى