تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلارغا گانتېل چېنىقىشى ئەڭ ماس كېلىدۇ

 

  ماتېرىيال سۈرەت

     ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نوقۇل ھالدا ئوكسىگېنلىق چېنىقىش يۈرەك - ئۆپكىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن كۈچ مەشىقى يېتەرلىك بولمىسا، ئاسانلا «مۇسكۇل ئازىيىش كېسىلى» پەيدا بولىدۇ، بوغۇم  تۇراقلىقى تۆۋەنلەيدۇ. گانتېل ياشانغانلارنىڭ كۈچ مەشىقى قىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

  گانتېل ئېغىرلىققا ئىگە بولغاچقا ئەركىن تاللاشقا بولىدۇ، ھەرىكەت ئىزى ئەركىن بولغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان يەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، گانتېلنىڭ بۇ خىل ئارتۇقچىلىقى ياشانغانلارنىڭ مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشى، بوغۇملارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، سەكتە ئاسارىتى ۋە دىيابېت بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە بەلگىلىك ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. گانتېلنىڭ تۈرلىرى جىق، بىز ياشانغانلارغا چويۇن ماتېرىيال قىلىنغان، چۇۋۇشقا بولىدىغان، كوللوئىد يىلىمى ئىشلىتىگەن گانتېلنى (يېلىم سۈپىتى ناچار، پۇرىقى بەك كۈچلۈك بولغان ناچار بۇيۇملارنى تاللىماڭ) ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان گانتېل مەشىقى: بىرىنچى، ئولتۇرۇپ يانتۇ كۆتۈرۈش. ئىككىنچى، گانتېلنى يانتۇ ئىتتىرىش.

  ياشانغانلار گانتېل ئىشلەتكەندە سەككىز نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

  بىرىنچى، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، گانتېل زىيادە ئېغىر بولسا مۇسكۇل تارتىشىپ يارىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، ئەگەر تىز بوغۇمى ياخشى بولمىسا، ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  ئۈچىنچى، ھەر قېتىملىق مەشىق ۋاقتى ۋە ھالىتى مۇقىم بولىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىس-تۈتەكلىك، سوغۇق ياكى قاتتىق ئىسسىق ھاۋا رايىدا مەشىق قىلماسلىق كېرەك.

  بەشىنچى، چېنىقىشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئاخىرلاشقاندا بەدەن بوشىتىش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئەگەر ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولسا، چېنىقىپ بولۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك، چېنىقىپ بولۇپلا بىر نەرسە يېيىشتىن ساقلىنىش، چېنىقىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن بىر نەرسە يېيىش كېرەك.

  يەتتىنچى، مەشىق قىلغاندا نەپەس ئالماسلىق ، كۈچ چىقارغاندا نەپەس چىقىرىش، ئەسلىگە كەلگەندە نەپەس ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، گانتېلنى قانچە ئۇزۇن مەشىق قىلسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى