تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە كىملىك كەسپىنى «بىر شەھەردە ئورتاق بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ چىڭشيا): 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ، كىملىك كەسىپىنى «بىر شەھەردە ئورتاق بېجىرىش» ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  كىملىكنى بىر شەھەردە ئورتاق بېجىرىش دېگىنىمىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پۈتكۈل شەھەردىكى خالىغان بىر كىملىك كەسپىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىگە بېرىپ كىملىك ئالماشتۇرسا، تولۇقلاپ ئالسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم كىملىك بېجىرىش ئۈچۈن چوقۇم نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى كىملىك كۆزنىكىگە بېرىپ بېجىرىش لازىم.

  نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردە بولۇپ، باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار، پۈتكۈل شەھەردىكى 30 باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش نۇقتىسىدا تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش كەسىپىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. نوپۇس تەۋەلىكى شىنجاڭدىكىلەر پۈتكۈل شەھەردىكى 31 باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش نۇقتىسىدا تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش كەسىپىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، نوپۇس تەۋەلىكى شىنجاڭدا بولغان ئامما يەنە پوچتا ئارقىلىق كىملىكنى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، يان تېلېفوندا «سىز كىملىك بېجىرسىڭىز مەن قاترايمەن» ئىككىلىك كودىنى سكاننېرلاپ، تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىنى كىرگۈزسە، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كىملىكلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىش تەننەرخ ھەققى ھەر بىر كىملىكنىڭ 20 يۈەن، يىتۈپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ كەتكەن كىملىكنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىش تەننەرخ ھەققى ھەر بىر كىملىكنىڭ 40 يۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش