تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شورلۇق يەرگە شال تېرىشنى يۈەن لۇڭپىڭ ئەترىتى شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇردى

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز سۈيى شال مايسىسى تىكىش نەق مەيدانى.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رېن لىيىڭ، خۇ فايۆ خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى شورلۇق يەرنى شال تېرىپ ياخشىلاش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىزىپ كەتتى، كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەم سادىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 15 نەپەر كەنت ئاھالىسى ياپيېشىل دولقۇنلىنىپ تۇرغان شاللىقتا ئالدىراش يۈرەتتى، تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا، بۇ يەر ئاپئاق شور باغلىغان ئېغىر شورلۇق يەر ئىدى.

بۇخەلچەم سادىرغا نىسىبەتەن، ئۇ دېڭىز سۈيى شالى تېرىلغۇسىغا قاتناشقان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇق تاللاش، مايسا يېتىشتۈرۈش، مايسا تىكىشتىن تارتىپ شاللىق پەرۋىشىگىچە ھەممىنى پىششىق ئىگىلىگەنىدى، بۇ يىل يوپۇغا ناھىيەسىدىكى 300 مو دېڭىز سۈيى شالى ئۇنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا تىكىلىپ بولدى. «تولىمۇ سىرلىق، مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئاپئاق شورلۇق يەرگە شال تېرىدىم، بىزنىڭ كەنتتىن 50تىن ئارتۇق ئادەم دېڭىز سۈيى شالى تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى» دېدى بۇخەلچەم.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىزىدىكى سىرلىق «دېڭىز سۈيى شالى»ى بولسا شورغا چىداملىق شالنىڭ ئادەتتىكى ئاتىلىشى. ئەنئەنىۋى شالغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇ سايلىق يەر ۋە شورلۇقتا ئۆسەلەيدىغان بولۇپ، يۈەن لۇڭپىڭ قاتناشقان چىڭداۋ دېڭىز سۈيى شال تەتقىقات قۇرۇلۇشىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى شالغۇت ئۆستۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسى ۋە ئادەتتىكى ئۆستۈرۈپ تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللاپ ئۆستۈرگەن يېڭى تىپلىق شورلۇققا چىداملىق شال. دېڭىز سۈيى شالىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلۈشى تېرىلغۇ يەر بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز سۈيى شالى مايسىسىنى تىكىش نەق مەيدانى.

2018-يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق، يوپۇغا ناھىيەسى بىلەن يۈەن لۇڭپىڭ دېڭىز سۈيى شالى ئەترىتى ___ چىڭداۋ دېڭىز سۈيى شالى تەتقىقات تەرەققىيات مەركىزى ھەمكارلىق ئورناتتى، يوپۇغا ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى شورلۇققا چىدامچان شالنى سىناپ ئۆستۈرىدىغان سىناق نۇقتىسى بولۇپ قالدى، ئالدىنقى يىلى 80 مو دېڭىز سۈيى شالى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈشى بىلەن، ئەمەلىي مەھسۇلات مىقدارى مو بېشىغا 549 كىلوگىرام بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرلىگەن مو بېشى مەھسۇلاتىدىن خېلىلا ئېشىپ، سىناپ تېرىشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن، تېرىلغۇ يەر شورلۇق دەرىجىسىمۇ 15تىن 7 كە تۆۋەنلىگەن، ئۇدا تېرىغاندا يەرنىڭ شورلۇق دەرىجىسىنى داۋاملىق تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

چىڭداۋ دېڭىز سۈيى شالى تەتقىقات تەرەققىيات مەركىزى شورلۇق يەرگە شال تېرىپ ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جەنيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى ئاساستا، شىنجاڭ بۇ يىل سىناق تېرىش كۆلىمىنى 1300 موغا يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يوپۇغا ناھىيەسى 300 مو، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈجمە يېزىسى 1000 مو بار.

چىڭداۋ دېڭىز سۈيى شالى تەتقىقات تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى جاڭ لىشەن ئاقتۇ ناھىيەسىدە شۇ جايدىكى 40 نەپەر دېھقاننىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە مايسا تىكىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانىدى. «ھازىر شىنجاڭدىكى ئىككى سىناق تېرىش رايونىدىكى قىسمەن يەرلەر ئېغىر دەرىجىدە شورلۇق، شىنجاڭدا بۇنداق شورلۇق يەردىن 110 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بار، «دېڭىز سۈيى شالى»نى كېڭەيتىش ئىشلىتىشكە بولىدىغان نۇرغۇن يەرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى ئۇ.

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز سۈيى شالى مايسىسىنى تىكىش نەق مەيدانى.

ئىگىلىنىشىچە، شورلۇق يەرگە شال تېرىشتا، پەن-تېخنىكا خادىملىرى دۇچ كەلگەن تۇنجى مەسىلە شۇ بولدىكى، ئۇلار سۇغىرىشقا تۇپراق تەڭشەش دورىسىنى قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇپراقنىڭ شورلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن، تېرىقچىلىق مەزگىلىدە، شورلۇق سۇ يوشۇرۇن تۇرۇبىدا تۇز چىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن يەنە قايتا پايدىلىنىپ، شاللىقنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، دېڭىز سۈيى شالىنىڭ ئۆزىمۇ تۇز سۈمۈرۈپ، تۇپراقنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ياخشىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

نۆۋەتتە، دېڭىز سۈيى شالى سىناق تەجرىبە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان سورت، ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە تېرىشقا بولىدۇ. يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، شىنجاڭدىكى كەڭ كەتكەن شورلۇق يەرلەردە تېخىمۇ كۆپ شاللار ئۆسىدۇ» دېدى ۋۇ جەنيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى