6-ئاينىڭ 5-كۈنى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى چۇڭچىڭ ۋەنكې دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز بىنا قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 2-قارار مۇنارسىمان بىنا قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو قۇرۇلۇش 3- ئىدارىسى 3-شىركىتى ئۈستىگە ئالغان چۇڭچىڭ ۋەنكې دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز بىنا تۈر قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ قۇرۇلۇش چۇڭچىڭ شەھىرى يۇجۇڭ رايونى خۇالۇڭچياۋ رايونىدا بولۇپ، ئىككى مۇنارسىمان بىنا ۋە يوپكىسىمان سودا بىناسىدىن تەركىب تاپقان، سودا، خىزمەت بىر گەۋدە قىلنغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش توپى، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى قارار مۇنارسىمان بىنانىڭ ئېگىزلىكى 458 مېتىر بولۇپ، چۇڭچىڭدا قۇرۇلۇۋاتقان بىرىنچى ئەڭ ئېگىز بىنا ھېسابلىنىدۇ.