تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى ۋە قەھۋە

ماتېرىيال سۈرەت 

      قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بار، ئەمما ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، قەھۋەنى كۆپرەك ئىچىۋەتكەندە ئارتېرىيە قېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر كۈندە بەش ئىستاكان ھەتتاكى 25 ئىستاكان قەھۋە ئىچسىمۇ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى ناتايىن ئىكەن.

  لوندون مارى ئايال پادىشاھ داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى قۇرامىغا يەتكەن 8412 ئادەمگە يۈرەك ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە ئىمپۇلس دولقۇنى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قان تومۇرىدىكى قان ئېقىم مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ چىققان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچىش ئادىتىنى سورىغان ھەمدە كۈندىلىك قەھۋە ئىچىش مىقدارىغا ئاساسەن ئۇلارنى بىر ئىستاكانغا يەتمەيدىغان، بىر ئىستاكاندىن ئۈچ ئىستاكانغىچە، ئۈچ ئىستاكاندىن يۇقىرى دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان. ئەڭ ئاخىرقى گۇرۇپپىدىكى تەتقىقات ئوبېيكىتلىرىنىڭ كۈندىلىك قەھۋە ئىچىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن كۈنىگە بەش ئىستاكان ھەتتا 25 ئىستاكان قەھۋە ئىچكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئارتېرىيە قېتىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا،كۈندە بەش ئىستاكاندىن 25 ئىستاكانغىچە قەھۋە ئىچىدىغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈندە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچار بولمايدىكەن. ياش، ئىرق، جىنس، بەدەن ئېغىرلىق، قان بېسىمى ۋە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتى ئامىللىرىنى ئويلاشقاندىمۇ نەتىجىسى يەنىلا ئۆزگەرمەيدىكەن. ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى » تەتقىقاتچى كېننىس فوننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «گەرچە بۇنىڭ سەۋەب نەتىجە باغلىنىشىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما تەتقىقاتىمىزدا قەھۋە ئىچىشنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا دېيىلگەندەك زىيانلىق ئەمەسلىكى كۆرسىتىلدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى